سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەت تۇيۇقسىز كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىران پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشنى تەكلىپ قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى: «ئىران ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى قولايلاشتۇرۇشتا ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييار» دېدى. رويتېرس. / Reuters

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي توقۇنۇشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى ھەمدە تېھراننىڭ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە قولايلىق يارىتىشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاراقچى جۈمە كۈنى ئېكس (X) ئادرېسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «مۇبارەك رامىزان ئېيى—ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغان ئاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ مەۋجۇت پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ياخشى قوشنىدارچىلىق رامكىسى ئىچىدە ۋە سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشى مۇۋاپىقتۇر.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە قولايلىق يارىتىش ھەمدە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييار.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يازمىسىدا، پارس شائىرى سەئىدى شىرازىنىڭ تۆۋەندىكى بىر كۇپلېت شېئىرىنىمۇ ھەمبەھرلىدى: «ئادەم بالىلىرى بىر بەدەننىڭ ئەزالىرىدۇر، چۈنكى يارىتىلىشتا ئوخشاش جەۋھەردىن يارىتىلغاندۇر.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ چاقىرقى، ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەن ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل، قەندەھار ۋە باشقا جايلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان.

جۈمە (27-فېۋرال) كۈنى شۇ يەر ۋاقتى تەخمىنەن 02:30 ئەتراپىدا كابۇل شەھەر مەركىزىدە نۇرغۇن قېتىم چوڭ پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسلامئاباد ئېغىر زىيانلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى مۇشەررەف زايدى قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 133 تالىبان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 200 دىن ئارتۇق تالىباننىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى مۇشەررەف زايدى قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 133 تالىبان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 200 دىن ئارتۇق تالىباننىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ پاكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ 27 تالىبان ھەربىي پونكىتىنى، ئىككى قوماندانلىق ئىشىتابىنى ۋە 80 دىن ئارتۇق تانكا ۋە برونېۋىكنى ۋەيران قىلغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan hits Afghan capital, other provinces as UN urges restraint

پاكىستان بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەندەھاردىكى ھۇجۇملاردا بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتى ۋە بىر ئارقا سەپ بازىسى يوقىتىلغان.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسى بويىدىكى پاكىستان پونكىتلىرىنى نىشان قىلىنغان قايتۇرما ھۇجۇم ھەرىكىتىنىڭ تۈن نىسپىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، تۆت سائەت داۋاملاشقان چېگرا توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە سەككىز تالىبان ئەسكىرى ۋە ئىككى پاكىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ يېقىنقى ئايلاردىكى ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى كەسكىن ۋەزىيەت، پاكىستاننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەردى. ئىسلامئاباد ئۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا 70 «تېررورچى» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ب د ت پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بۇ توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ باياناتچىسى گۇتېررېسنىڭ «ئالاقىدار تەرەپلەرنى خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش» قا ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشكە چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، پاكىستاننىڭ «پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) تارمىقىدىكى تېررورچىلار ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىشى، كابۇل دائىرىلىرىنىڭ بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىشى بىلەن بارغانسېرى يامانلاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى