خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
ھەسەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىلمىشلىرىنى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى دائىرىسىدە «قوش ئۆلچەم» دەپ ئاتىغان ۋەزىيەتنى ئەيىبلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى / AP

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەلىك ئەزاسى رىما ھەسەن سىتراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا تۇرغان بىر ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئېلىۋەتكەن ئەسنادا، بۇ ھەرىكىتىنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ۋە ئورگانلارنىڭ «قوش ئۆلچەملىرى» گە قارىتىلغان بىۋاسىتە بىر نارازىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋەقە، دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى (AJC) نىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي رەسمىي بىر پائالىيەت جەريانىدا يۈز بەردى.

ھەسەن يىغىندا كۆرگەزمە قىلىنغان زىبۇزىننەتلەرنىڭ ئۈستىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىم دىپلوماتىك رامكىسىغا پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئىسرائىلىيەنى غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆرسىتىدىغان خەرىتلەرنىڭ بارلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

ھەسەن ئىسرائىلىيەلىك سەنئەتكار يارون بۆبنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش جەريانىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، «پەلەستىن دېگەن بىر يەر يوق. مۈڭگۈزلۈك ئات (unicorn) لارغا ئوخشاش بىر خىيالىي مەھسۇلات... نە پەلەستىنلىك مۇساپىرلار بار، نە پەلەستىنلىكلەر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشى ئۈستىگە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - French-Palestinian MEP Rima Hassan slams 'judicial harassment'

ھەسەن، X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ئۇ يەردىن ئايرىلىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئورنىدىن چىقىرىۋەتتىم. بۇ ھەرىكىتىم، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ۋە بۇ ئاخىرلاشمايۋاتقان ۋە چىدىغىلى بولمايدىغان قوش ئۆلچەمگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسىەت قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ھەسەن، ياۋروپا پارلامېنتى رايونىدا بىر رۇس بايرىقىغا ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنىڭ  بۇ يەردە دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بار بولۇشىغا قارىماي  «تولۇق جازاسىز قېلىش» ئەھۋالىدىن مەنپەئەتلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
پورتۇگالىيە مەشقاۋۇلى: رونالدو خالىسا دۆلەت كوماندىسىغا قايتالايدۇ
77-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى ئانتاليادا باشلاندى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا