خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مىيانمار ھەربىي تەرەپ غايەت زور ئالدامچىلىق دېلوسى دائىرىسىدە 150 بىنانى چېقىپ تاشلىدى
مىيانمار دائىرىلىرى تور ئىشلەتكۈچىلىرىنى مۇھەببەت ۋە سودا ئالدامچىلىقى بىلەن نىشانلىغان، چېگرا بويلىرىغا تارقالغان ئالدامچىلىق مەركەزلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
مىيانمار ھەربىي تەرەپ غايەت زور ئالدامچىلىق دېلوسى دائىرىسىدە 150 بىنانى چېقىپ تاشلىدى
مىيانمار ھەربىي تەرەپ غايەت زور ئالدامچىلىق دېلوسى دائىرىسىدە 150 بىنانى چېقىپ تاشلىدى / AP

مىيانمار ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى، تەنتەربىيە سارىيى، سۇ ساغلاملىقى مەركىزى ۋە ياتاق بىنالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تايلاند چېگراسىدىكى داڭقى چىققان بىر ئىنتېرنېت ئالدامچىلىق مەركىزىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 150 گە يېقىن بىنانى چېقىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىچكى ئۇرۇش ۋەيران قىلغان مىيانمارنىڭ باشقۇرۇش بوشلۇقى، چېگرا رايونلىرىدا غايەت زور ئالدامچىلىق زاۋۇتلىرى تېزلىكتە كۆپەيتتى. بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار ھەر يىلى ئونمىڭلىغان مىليارد دوللارغا يېتىدىغان مۇھەببەت ۋە سودا ئالدامچىلىقى بىلەن ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلاتتى.

نۇرغۇن خىزمەتچىلەر خىزمەت شارائىتى ناچار بولغان بۇ ئورۇنلارغا ئالداپ ئەكىلىنگەن بولسا، بەزىلىرى جىنايەتچى گۇرۇھ باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى كىرىملىك خادىملار ئۈچۈن ئادەتتە ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بىلەن بېزەلگەن بۇ مەركەزلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بارىدۇ.

ئۆتكەن ئايدا مىيانمار ئارمىيەسى KK باغچىسى دەپ ئاتالغان داڭقى چىققان ئالدامچىلىق مەركىزىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەركەزدە 2000 دىن ئارتۇق ئالدامچى بارلىقى ۋە 1500 كىشىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ تايلاندقا قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

«مىيانمارنىڭ يەرشارى يېڭى نۇرى» ناملىق دۆلەت گېزىتىنىڭ يېڭىلانغان خەۋەرىرىدە، ھەربىي ھاكىمىيەت، تۆت قەۋەتلىك دوختۇرخانا ۋە ئىككى قەۋەتلىك ياتاق بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 148 بىنانى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، گېزىتتە: «101 بىنا چېقىپ تاشلاندى، قالغان 47 بىنانى چېقىش داۋاملاشماقتا» دەپ يېزىلدى.

AFP ئاەېنتلىقى تېخىچە بۇ خەۋەرلەرنىڭ راسلىقىنى دەلىللىيەلمىدى، ئەمما مىيانماردا ۋە چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تايلاندتا ياشايدىغانلار مىيانمار ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى باشلانغاندىن بېرى ئارىلاپ پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارThousands of victims released from Myanmar-based scam centres - TRT World - TRT World

ئالدامچىلىق مەركەزلىرىگە قارشى ھەرىكەت

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى بەلكىم چەكلىك، ئالدىن پىلانلانغان ۋە قەستەن ئاشكارىلانغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئارمىيە ئالدامچىلىق مەركەزلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق بېسىمنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پايدىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىنچىكە بىر سىزىقتا ماڭماقتا.

فېۋرالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى دائىرىسىدە 7000 گە يېقىن ئالدامچى خىتاي خىزمەتچى مىيانماردىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغان، تايلاند بولسا ئالدامچىلىق مەركەزلىرىنى بوغۇش مەقسىتىدە چېگرا ھالقىغان ئىنتېرنېت قامال قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى.

ئارمىيە 19-ئۆكتەبىر KK باغچىسىغا قارشى تۇنجى ھۇجۇمنى ئېلان قىلدى؛ AFP ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدە، يولغا قويۇلغان بېسىمغا قارىماي، KK باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەزلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە تايلاندنىڭ ئىنتېرنېت ئۈزۈشىنى يېڭىش ئۈچۈن تۈركۈملەپ Starlink سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قوبۇللىغۇچلىرىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

AFP ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، Starlink نىڭ ئاساسلىق شىركىتى SpaceX گۇمانلىق مىيانمار ئالدامچىلىق مەركەزلىرى ئەتراپىدىكى 2500 دىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت تېرمىنالىغا بېرىلگەن سىگنالنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Myanmar detains 270 foreigners from scam compounds on Thai border

 

ئىزدىنىڭ
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار