دۈشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان رۇسىيە ۋەكىلى: «ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىقى بەدىلىگە غەربنىڭ قوراللىرىنى ئېلىشتىن باشقا مەنىسى بولمىغان يېڭى بىر ئاشلىق كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى بۇ يەردىكى ھەممەيلەن بىلىپ قالسۇن د ەپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدىم» دېدى.
رۇسىيە ۋەكىلى ئىلگىرىكى ئاشلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ئېكسپورت قىلىنغان ئاشلىقنىڭ پەقەت 3% ىنىڭلا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە يېتىپ بارغانلىقىنى، ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ %70 كە يېقىن قىسمىنىڭ بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەرب بازارلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنى «پاندورانىڭ ساندۇقىنى ئېچىش» بىلەن ئەيىبلىگەن موسكۋا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىيۇلدىن بۇيان قارا دېڭىز، ئازوۋ، كاسپىي، بالتىق ۋە ئاقدېڭىزدا 200 دىن ئارتۇق سودا پاراخوتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملاردا 12 دېڭىزچىنىڭ قازا قىلغان ياكى يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆزىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىغان رۇسىيە پەقەت ھەربىي تەمىنات پاراخوتلىرىنى ھەمدە ھەربىي ۋە پۇقراۋى مەقسەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەرنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى. شۇنداقلا غەربنىڭ ئېنېرگىيە ۋە دېڭىز قاتنىشى ساھەلىرىدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى، رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانى قوراللاندۇرۇشنىڭ باھانىسى دەپ ئاتىدى.
رۇسىيە ۋەكىلى دۆلىتىنىڭ «دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق كاپالەتچىلىرىدىن بىرى» سۈپىتىدە 160 دۆلەتنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاشلىق كەمچىللىكىنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى» قەيت قىلدى.
ئۇكرائىنا رۇسىيەنى ئەيىبلىدى
ئۇكرائىنا ۋەكىلى رۇسىيەنى ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان پۇقراۋى ئېلېكتىر تورىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، دۆلەت مىقياسىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ۋە 800 دىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ: «ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلمىغان بىرەر كۈنىمۇ بولمىدى» دېدى.
نويابىردىكى شىددەتلىك ھۇجۇملارنىڭ ئۈچ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىشتىن توختىتىپ، 850 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋەكىل، زاپورىژژىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تاشقى ئېلېكتىر تورى بىلەن بولغان ئۇلىنىشىنىڭ 28-قېتىم ئۈزۈلگەنلىكىگە دىققەت تارتتى. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشىگە قارىماي يېتەرلىك دىققەت قوزغىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىستانسىنى دەرھال كىيېۋنىڭ كونتروللۇقىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە قوللاش فوندىنىڭ 41 ئىئانە قىلغۇچىدىن 2 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ توپلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋەكىل: «ئەمما قىش يېقىنلىشىۋاتقاندا، ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ھاۋا مۇداپىئەسى. بىز تېخىمۇ كۆپ ‹پاترىيوت› سىستېمىسىغا، بولۇپمۇ ‹PAC-3› توسۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ئېھتىياجلىق» دېدى.
دېڭىز بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە كىيېۋ ئىيۇندىن ئاۋغۇستقىچە پۇقراۋى پاراخوتلارغا 89 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ 2025-يىلىنىڭ پۈتۈن بىر يىلىدا 25 قېتىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا رۇسىيەنى «يوشۇرۇن ئاشلىق توشۇش پاراخوت ئەترىتى» ئارقىلىق ئاشلىق بۇلاش بىلەن ئەيىبلەپ: «ئۇكرائىنا زېمىنىدىن ئوغرىلانغان ئاشلىقنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە مۇسادىرە قىلىش كېرەك» دېدى.
كېڭەشتە سۆز قىلغان ئامېرىكا ۋەكىلى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئېلېكتىر تورى، پۇقراۋى پورتلار، يېمەكلىك تارقىتىش مەركەزلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇت توشۇيدىغان پاراخوتلارنى چۆكتۈرۈپ، سودا پاراخوتلىرى خادىملىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېمەكلىك تارقىتىش مەركەزلىرى نىشان قىلىنماسلىقى كېرەك. ھۆرمەتلىك كەسىپداشلار، قارا دېڭىزدىكى يېمەكلىك تەمىناتىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر» دېدى.
ۋاشىنگتون يەنە بىخەتەرلىك كاپالىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش جەريانى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى گۈللىنىش پىلانى ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن ئىبارەت تۆت ئاساسلىق ساھەدە كىيېۋ ۋە ياۋروپالىق شېرىكلەر بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە دىققەت تارتتى. بۇ خىزمەتلەر ئارقىلىق ئەبۇزەبىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا ئېرىشىش نىشان قىلىنماقتا.
ئۆزئارا ئەيىبلەشلەر
يىغىننىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە ۋەكىلى ھەپتە ئاخىرىدا لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدا ئىككى تەمىنات پاراخوتى ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولغان بىر ھەربىي كېمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىيېۋنى دېڭىز ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلىمى ۋە جۇغراپىيەلىك دائىرىسىنى «جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان دەرىجىدە كېڭەيتىش» بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ زېلېنسكىينىڭ بۇ ھۇجۇمنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئىلگىرى ئاقدېڭىزدا «ئاركتىك مېتاگاز» ناملىق پاراخوتقا قىلىنغان ھۇجۇمنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ «كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇق خاراكتېرى»نى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىن يېپىلىشتىن سەل بۇرۇن جاۋاب قايتۇرغان ئۇكرائىنا ۋەكىلى موسكۋانىڭ دەۋالىرىنى «ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ۋە ئەيىبلەش ئۇرۇنۇشى» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ: «ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى رۇسىيە ئۆزى تاللىدى. رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئۇرۇشنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتى رۇسىيەنىڭ ئۈستىدە» دېدى ۋە موسكۋانى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.















