تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قارا دېڭىزنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىشىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئېھتىياتچان ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى، بىخەتەر قاتناشنى تەكرار تەكىتلىدى ۋە ئىسرائىلىيەگە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا قايتىدىن بېسىم قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قارا دېڭىزنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىشىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قارا دېڭىزنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىشىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەنبە كۈنى قارا دېڭىزنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بىر توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلانماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ھۇجۇملارنىڭ جىددىيلىشىشىنىڭ توقۇنۇشنى كېڭەيتىش ۋە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم دېڭىز سودا يوللىرىغا تەھدىت سېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى.

تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشقاباتتىكى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرىدىن قايتىشتا ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ئەردوغان، يېقىنقى ھۇجۇملارنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۇرۇش توقۇنۇشىنىڭ قارا دېڭىز ھاۋزىسىغا يۆتكىلىش خەۋپىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: «قارا دېڭىز بىر توقۇنۇش مەيدانى دەپ قارالماسلىقى كېرەك. بۇ نە رۇسىيەگە نە ئۇكرائىناغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ھەركىمنىڭ قارا دېڭىزدا بىخەتەر قاتناشقا ئېھتىياجى بار» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى، چەت ئەل بايرىقى قادالغان ۋە بىر تۈرك شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان بىر پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ چورنومورسك پورتىدا رۇسىيە تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئەردوغان بۇ ۋەقەنىڭ دېڭىز تىرانسپورتى ۋە رايونلۇق مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك خەۋپلەر ھەققىدە ئەنقەرەنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan to Putin: Türkiye can host peace talks to end Russia-Ukraine war

جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە دىيالوگ چاقىرىقلىرى

جىددىيچىلىك، ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى ۋە رۇسىيە تانكېرلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋاملاشسا، كىيېۋنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنى نىشان قىلىشنى ئويلىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە دىيالوگ چاقىرىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بېرى قارا دېڭىزنىڭ ھەربىي جىددىيچىلىكتىن يىراق تۇتۇلۇشىنى ياقىلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بىخەتەر قاتناشنىڭ پەقەت توقۇنۇشقان تەرەپلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قارا دېڭىز يوللىرىغا تايىنىدىغان دۇنيا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئۈچۈنمۇ ھاياتىي مۇھىملىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئەردوغان يەنە تۈركمەنىستاندىكى ئۇچرىشىشىدا پۇتىن بىلەن ئۇرۇشنى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەكرارلىغانلىقىنى ۋە يېڭى دىپلوماتىك تەشەببۇسلارنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ باشلامچىلىق قىلغان دىيالوگ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىشەنچلىك ھەر قانداق بىر تىنچلىق مۇساپىسىگە تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«تىنچلىق يىراق ئەمەس، بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز» دېگەن ئەردوغان پۇتىننىڭ ئەنقەرەنىڭ پوزىتسىيەسىنى ۋە ئىجابىي رول ئويناش ئارزۇسىنى بىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ceasefire breached once again as Israeli gunfire kills teen in northern Gaza

«داۋاملىق تىنچلىق ئەمەلىي قەدەملەرگە باغلىق»

ئەردوغان ئۇكرائىنادىن ھالقىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ۋەزىيەتنى «ئېشىۋاتقان بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دەپ سۈپەتلىدى ۋە بۇنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئىسرائىلىيە ۋەدىلىرىدە تۇرۇشى، ئۇرۇش توختىتىشقا تولۇق رىئايە قىلىشى ۋە غەززەدە تۇرمۇشنىڭ نورمال ھالغا كېلىشىگە يول قويۇشى كېرەك» دېدى.

ئەردوغان ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىنماسلىقىنىڭ رايوندا قايتىدىن مۇقىمسىزلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بالايىئاپەت خەۋپىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئۇ مەيداندىكى شارائىتنى ياخشىلايدىغان ۋە بۇرۇن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ داۋاملىق تىنچلىق ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە

تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تەشەببۇسى ھەققىدىمۇ سۆز قىلغان ئەردوغان، ئىتتىپاقنىڭ تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك بىر كەلگۈسى پىلانىنى قوبۇل قىلىپ، ئەزا بولۇش مۇزاكىرىلىرىنى ئىلگىرىلىتىشكە قارىتا ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلىغان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پايدا كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك 10-مارت كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەكىتلەپ، بۇنىڭ رايوننىڭ كەلگۈسى جەھەتتىن ھەل قىلغۇچ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغاننىڭ سۆزلىرى تۈركىيەنىڭ ھەم رۇسىيە ھەم ئۇكرائىنا بىلەن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا، رايونلۇق مۇقىملىقنى قوللاشقا ۋە مۇرەسسەچىلىك ئورنىنى قوغداشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، غەززە مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە غەربلىك شېرىكلىرىدىن قايتىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى