ماركۋېين مۇللىن ئامېرىكانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماركۋېين مۇللىننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىن تەستىقلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ مۇللىننىڭ تەيىنلىنىشىنى ماقۇللىغانلىقىغا قارىماي، دېموكراتلار ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسى (ICE) ھەمدە چېگرا چارلاش ئەترىتىنىڭ ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلغۇچە، ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشتا چىڭ تۇرماقتا.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 45 كە قارشى 54 ئاۋاز بىلەن ماركۋېين مۇللىننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇشىنى ماقۇللىدى؛ مۇللىن كرىستى نوئېمنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كۆرسەتكەن نامزات مۇللىن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. دېموكرات پالاتا ئەزالىرىدىن جون فېتتېرمان بىلەن مارتىن خېينرىكمۇ مۇللىننى قوللىدى.
ئوكلاخومادىن كەلگەن جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى مۇللىن، ئېنىق بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىغان ۋە ئالتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت توختىتىش مەزگىلىدە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولدى.
مىننېسوتادا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىگە قاراشلىق خادىملار تەرىپىدىن ئالېكس پرېتتى ۋە رېنې نىكول گۇد ئىسىملىك ئىككى ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، كرىستى نوئېم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. نوئېمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلغان دېموكراتلار، ئۇنىڭغا قارشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارى چىقىرىش پىكرىنى قوللىغان ئىدى.
دېموكراتلار بۇ جەريانغا بولغان ئۆكتىچىلىكىنىڭ شەخس بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، مۇللىننىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ مەزكۇر تۇيۇق يولنى ھەل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.
دېموكراتلار ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسى بىلەن چېگرا چارلاش خادىملىرىغا قارىتا يېڭى چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلۇشىدا چىڭ تۇرماقتا. بۇ چەكلىمىلەر كىملىك كارتىسى تاقاش، ماسكىنى ئېلىۋېتىش ۋە شەخسىي مۈلۈكلەرگە باستۇرۇپ كىرىش ئۈچۈن ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش بۇيرۇقى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.