سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى
ترامپ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا قارىتا ئەمەلىي قەدەم بېسىشى بەدىلىگە، بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ۋە توڭلىتىپ قويۇلغان مەبلەغلەرنى قويۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىشى بەدىلىگە، بۇ دۆلەتكە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ يېنىكلىتىلىدىغانلىقى ۋە ئىراننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مەبلەغلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ھەقتە توختالدى. ترامپ Axios خەۋەر سۇپىسىنىڭ تېھرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىشكە قىزىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى رەت قىلىپ: «بۇ توغرا ئەمەس، مەن ئۇلارغا ھېچقانداق تەكلىپ بەرمىدىم» دېدى. ترامپ خەۋەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ دەرھال ئۆچۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

Axios نىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا دائىرىلىرى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ترامپنىڭ ئىران يادرو پىروگراممىسى بويىچە ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلىسا، تېھرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىشكە ۋە توڭلىتىپ قويۇلغان ئىران مەبلەغلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قىزىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. خەۋەردە يەنە، مەزكۇر تەرەققىياتلارنىڭ قاتار ۋە پاكىستانلىق مۇرەسسەچىلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك ئالاقىلىرى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ