خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
ئىران دونالد ترامپنىڭ يېڭى ئۇلتىماتۇمىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئامېرىكا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «كەسكىن» قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
ئامېرىكا ئىران ئەتراپىغا ھەربىي قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش پاراخوتلىرى، جەڭچى ئايروپىلانلار ۋە يېقىلغۇ قاچىلاش ئايروپىلانلىرى بار. / TRT World

تېھران ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا يوللىغان مەكتۇپىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ «ھەقىقىي ھەربىي ھۇجۇم خەۋپىدىن سىگنال بەرگەنلىكى»نى تەكىتلىدى. ئىران تەرەپ ئۇرۇش تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئەگەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، رايوندىكى «دۈشمەن كۈچ» دەپ تەرىپلىگەن تەرەپنىڭ بارلىق بازىلىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى «قانۇنلۇق ھۇجۇم نىشانى» دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى پەيشەنبە كۈنى يوللىغان مەكتۇپىدا، ترامپنىڭ باياناتلىرىنىڭ رايون تىنچلىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەكتۇپتا: «ئىران ئۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئەمما ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ كەسكىن شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپ يېقىندا ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئىراننىڭ كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە «ئەھمىيەتلىك بىر كېلىشىم» تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا «ناھايىتى يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى، جەڭ ئايروپىلانلىرى ۋە قوشۇمچە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، رايوندىكى جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ترامپ غەززەدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق كېڭىشى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «كېلىشىم تۈزۈلمىسە، ۋاشىنگتون يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، نەتىجىنى 10 كۈن ئىچىدە بىلىسىلەر» دېگەنىدى. نېتانياھۇمۇ ترامپنى قوللاپ: «ئەگەر ئايەتۇللاھلار بىزگە ھۇجۇم قىلىشتەك بىر خاتالىق ئۆتكۈزسە، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ» دەپ تەھدىت سالدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا رايونغا ئەسكەر يىغىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ «ئىبراھىم لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكىسى تەخمىنەن 80 ئايروپىلان بىلەن ئىران دېڭىز قىرغىقىغا 700 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئورۇنلاشقان. بۇنىڭغا قارىتا، ئىران ئىسلام ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى ھۆرمۈز بوغۇزىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. دۇنيا نېفىت توشۇش مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرى ئۆتىدىغان بۇ بوغۇزنىڭ تاقىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى