تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ يەنە كۈنتەرتىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر، غەززەلىك 74 مىڭ قېرىندىشىمىزنىڭ قېنىنى تۆككەنلەر، لىۋاندىن سۈرىيەگىچە رايونىمىزدا تېررورلۇق پەيدا قىلغانلار قانۇن ئالدىدا ھېساب بەرگۈچە پوزىتسىيەمىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمىز؛ ھەقنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، ھەقىقەتنى جاسارەت بىلەن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى.

ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 20-سېنتەبىر نىيۇيوركقا بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ يىل «ئىشەنچنى قايتا تىكلەش، ئۆزگىرىشنى باشقۇرۇش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە 16-قېتىم سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان نۇتقىدا «تېخىمۇ ئادىل، ۋەكىللىك كۈچى يۇقىرى، ئىشەنچ ۋە پاراۋانلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان يېڭى تەرتىپ»نىڭ يول خەرىتىسىنى 5 ماددا بويىچە دۇنيا بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ پەلەستىن، رۇسىيە—ئۇكرائىنا ۋە ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە ئەتراپىدىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ يەنە كۈنتەرتىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر، غەززەلىك 74 مىڭ قېرىندىشىمىزنىڭ قېنىنى تۆككەنلەر، لىۋاندىن سۈرىيەگىچە رايونىمىزدا تېررورلۇق پەيدا قىلغانلار قانۇن ئالدىدا ھېساب بەرگۈچە پوزىتسىيەمىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمىز؛ ھەقنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، ھەقىقەتنى جاسارەت بىلەن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنىمۇ بىلىپ قويۇشنىڭ پايدىسى بار. بۈگۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بار. بۈگۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار قارايدىغان، ئەتراپىغا ئىشەنچ بېغىشلايدىغان ۋە دوستلىرى ئىشەنچ قىلىدىغان بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بار. ئەڭ مۇھىمى، بۈگۈن ئىچكى جەھەتتە مىڭ يىللىق قېرىنداشلىق رىشتىسىنى قايتا تىكلەۋاتقان، تاشقى جەھەتتە قوشنىلىرى بىلەن قايتا قۇچاقلىشىۋاتقان بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بار. بىز چوڭ ئويلايدىغان، چوڭ قەدەملەرنى تاشلايدىغان، چوڭ نىشانلارنى بەلگىلەپ، ئۇ نىشانلارغا قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان بىر دۆلەتمىز. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ يولنى ئاخىرىغىچە سەۋرچانلىق بىلەن بېسىپ ئۆتىمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ