خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مىسىردا 5.3 بال يەر تەۋرىدى
يەرلىك تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش پايتەخت قاھىرەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە شەھەردە ھېس قىلىنغان. مىسىر قىزىل ئاي جەمئىيىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق يارىلىنىش ئۇچۇرى ئالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىسىردا 5.3 بال يەر تەۋرىدى
مىسىردا 5.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مىسىرنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى ئىسمائىلىيە ۋىلايىتىدە 5.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD)  يەر تەۋرەشنىڭ دۈشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 03:00 دە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە يەر يۈزىدىن 5.47 كىلومېتىر چۇڭقۇرلۇقتا قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىر يەرلىك تاراتقۇلىرى يەر تەۋرەشنىڭ پايتەخت قاھىرەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە شەھەردە ھېس قىلىنغانلىقىنى، ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ياكى ۋەيرانچىلىق ئۇچۇرى كەلمىگەنلىكىنى يەتكۈزدى.

مىسىر قىزىل ئاي جەمئىيىتى ھازىرغىچە يارىلىنىش ياكى بوزۇلۇشقا ئائىت بىرەر ئۇچۇر ئالمىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاممىنى كونا ياكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يېرىقلىرى بار بىنالاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دوختۇرخانىلارنى ئەڭ يۇقىرى تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتكۈزدى.

رەسمىي باياناتقا قارىغاندا، مىسىر يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يېڭىلاپ، تىلغا ئېلىنغان يەر تەۋرەشنىڭ سۇۋەيش شەھىرىدىن 38 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئارخىپقا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رايوندىكى ئاندروئىد (Android) ئىشلەتكۈچىلىرىگە مىسىردا 5.9 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەر تەۋرەش ئاگاھلاندۇرۇشى كەلدى.

سېئىسمولوگلار قوشۇمچە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىۋاتقان بولۇپ، USGS مۇتەخەسسىسلىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە ئەگىشىپ، يەر تەۋرەش كۈچى خەرىتىسىنى يېڭىلىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا