تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
قۇرتۇلمۇش: سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ «ۋاز كېچىلمەس» ئىكەنلىكىنى، بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھەقىقىي تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرتۇلمۇش: سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ
باياناتتا، كۇرتۇلمۇش مۇنداق دېدى: تۈركىيە سۈرىيەنىڭ بىرلىشىش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان قەدەملەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ ھەمدە قەدىرلەيدۇ [سۈرەت ئارخىپى]. / AA

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەممە قاتنىشالايدىغان بىر تۈزۈم ۋە ئادىل ۋەكىللىككە ئىگە دېموكراتىك بىر سۈرىيەنىڭ «رايوننىڭ كاپالىتى» بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قۇرتۇلمۇشنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيە سۈرىيەدىكى بىرلىشىش مۇساپىسىدە تاشلانغان كۈچلۈك قەدەملەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا يۇقىرى باھا بېرىدىكەن. ئۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا 2025-يىلى 10-مارتتا ئىمزالانغان ئورتاق تونۇش رامكا كېلىشىمى بىلەن 30-يانۋاردىكى كېلىشىم ماددىلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىشنىڭ سۈرىيەگە خاتىرجەملىك، رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ كېلىشىمنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن باسقۇچلۇق بىرلىشىشنى نىشان قىلىشىغا «رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن <قىممەتلىك پۇرسەت>» دەپ باھا بەرگەن قۇرتۇلمۇش، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى بىر خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ھېچقانداق سالاھىيەت، ئېتىقاد ۋە پىكىرنى چەتكە قاقماستىن، ھەر بىر سۈرىيە پۇقراسىنىڭ سىياسىي سىستېمىدا شەرەپلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمەلىي بۆلۈنۈشلەرنىڭ ھېچكىمگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى جكىلىدى.

«سۈرىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭدۇر» دېگەن قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش، ئورگانلارنى كۈچەيتىش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى بەرپا قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىگە چۈشكەن ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
قىرىمدا جىددىي ۋەزىيەت: ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى: «ئۇرۇش داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىران بارلىق سىنارىيەلەرگە تەييار»
چىلىدا تېجەش تەدبىرلىرىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى زوراۋانلىققا ئايلاندى، ئونلىغان ئادەم يارىلاندى
ترامپ: «تېھران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە ئاشكارە ئۇرۇش توختىتىشنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن»
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى
ترامپ: ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن
FIFA سۇ شىشىلىرىنى مەنئى قىلدى
رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى