ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى (DNI) جېي كىلايتون دۆلەتنىڭ كونىراپ كەتكەن رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش جەريانىدا قاتناش، بانكا ۋە ئالاقە سىستېمىلىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ بۇ خىل كاشىلىلارنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كىلايتون CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكادىكى تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ۋە فېدېراتسىيە ئورگانلىرىدا يېقىنقى ھەپتىلەردە يۈز بەرگەن ئۈزۈلۈشلەر ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئامېرىكادىكى ئىلغار رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زور قىسمى 30 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن كونا سىستېمىلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئۇلارنى ھەم خىزمەت ئۈنۈمى، ھەم تور بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن يېڭىلاش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
كىلايتون: «داۋاملىشىۋاتقان يېڭىلاش خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېخنىكىلىق كاشىلىلار، ئۈزۈلۈشلەر ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلىدۇ» دېدى.
ئۇ تېخنولوگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىشچان پىروگراممىلاردا زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى، مەۋجۇت سىستېمىلارنىڭمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
كىلايتون يەنە، ئامېرىكانىڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا يەتكۈزۈلگەنلىكىگە دائىر دەۋالار ھەققىدىمۇ توختالدى.
Nvidia نىڭ ئەڭ ئىلغار ئۆزەكلىرىگە دۇنيا مىقياسىدا زور ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلغان كىلايتون، خىتاينىڭ بۇ ئۆزەكلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان يوللىرى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئۆزەكلەرنى خىتايغا يەتكۈزۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر شىركەت ئۈستىدىن ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك جەنۇبىي رايونىدا ئەيىبنامە تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىلايتون: «ئەيىبنامىگە قارىغاندا، ئۆزەكلەرنى خىتايغا يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشلار بولغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ» دېدى.














