خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
ئىسرائىلىيەنىڭ «Haaretz» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە بۇ يىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 23 كە يېتىپ، ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى / reuters
 

خەۋەرگە قارىغاندا، 2026-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 23 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ ھاياتىغا خاتىمە بەرگەن بولۇپ، بۇ سان ئاخىرقى 16 يىلدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى يىللىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سانلىق مەلۇماتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئارمىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىدە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن خەۋەردە، غەززە ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرىكى 10 يىلدا ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سانىنىڭ 12 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. خەۋەردە يەنە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى 7 ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، بۇ ساننىڭ 2024-يىلى 21 گە، 2025-يىلى بولسا 22 گە چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان ئانالىزلاردا، ئارمىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى غەززەدە ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر پىسخىكىلىق تەسىرلەر ۋە زەربىدىن كېيىنكى بېسىم قالايمىقانچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026