خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
ئاستىرېنوملار ئىلگىرى كۆرۈلگەن ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدىغان ۋە ئۆلگەن بىر يۇلتۇزنىڭ پارچىلىرىدىن تەركىب تاپقان يېڭى بىر سەييارە بايقىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە.
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى

مۇتەخەسسىلەر ئايلىنىش ئوربىتىسىدىكى ئۆلگەن يۇلتۇزنىڭ پارچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ خىلدىكى «ئىككىنچى ئەۋلاد» سەييارىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆزىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

تەتقىقاتقا رەھبەرلىك قىلغان ۋارۋىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى جامىي ۋىليامس: «ئىككىنچى ئەۋلاد سەييارىلەر، بىر يۇلتۇز ئۆلۈۋاتقاندا سىرتقا چىقىرىۋەتكەن ماددىلاردىن تەركىب تاپقان دۇنيالاردۇر. بۇلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ ۋە بىر ئاق كەنجى (white dwarf) نىڭ ئەتراپىدىن مۇشۇنداق بىر سييارە تېپىش پۈتۈنلەي كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال ئىدى. بۇ بىر ۋاقىتلاردا ئوربىتىدە ئايلانغان يۇلتۇزنىڭ كۈلىدىن قايتىدىن تۇغۇلغان بىر سەييارە تېپىشقا ئوخشايدۇ» دېدى.

ئاق كەنجىنىڭ ئەتراپىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى

ئاستىرېنوملار ئىلگىرى pulsar (پۇلسار) دەپ ئاتىلىدىغان قويۇق يۇلتۇزلارنىڭ ئەتراپىدا بۇ خىلدىكى «قايتىدىن تۇغۇلغان» دۇنيالارنىڭ مۇمكىن بولغان مىساللىرىنى بايقىغان ئىدى. ئەمما بۇ خىلدىكى بىر سەييارە تۇنجى قېتىم بىر ئاق كەنجىنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈلدى. ئالەم بوشلۇقىدا ئۆلگەن يۇلتۇزلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ بايقاش، بوشلۇقتا مۆلچەرلەنگەندىن كۆپ بولغان قايتىدىن تۇغۇلغان سەييارىلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاق كەنجى، بىر يۇلتۇزنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتكەندە ئارقىدا قالغان چۆككەن يادرولار سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. بۇ يۇلتۇزلار، يېقىن ئەتراپتىكى ماددىلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ ۋە ئستېرنوملارنىڭ ئوربىتىدىكى سەييارىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغان خىمىيەۋى بىر ئىز قالدۇرىدۇ.

ناسانىڭ تېلېسكوپى بايقاشلارنى قوللايدۇ

مۇتەخەسسىسلەر ئاق كەنجىنىڭ يېقىن ئەتراپتا يېڭىدىن شەكىللەنگەنە زور بىر سەييارىدىن ئوزۇقلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ سىگنالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر زور سەييارىنىڭمۇ يۇلتۇز ئۆلۈپ ئاق كەنجىگە ئايلىنىش جەريانىدا ئارقىدا قالغان پارچىلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم ئىدارىسى (NASA) نىڭ TESS تېلېسكوپىدىن ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن بۇ بايقاش تېخىمۇ كۈچەيدى. سانلىق مەلۇماتلار، سييارىدىن ھەر 4.4 كۈندە بىر تەكرارلىنىدىغان ئاجىز بىر سىگنالنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ياشاشقا ئەپلىك سەييارە ئىزدەشتە يېڭى بىر پۇرسەت

تەستىقلانغان تەقدىردە بۇ ئاسمان جىسىمى پەقەتلا ئۆز تۈرىنىڭ كۆرۈلگەن تۇنجى مىسالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا ئۆلگەن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىدىكى ئوخشاش خىمىيەۋى ئازلارنى ئىزدەش ئارقىلىق بۇ خىلدىكى سەييارىلەرنى تېخىمۇ كۆپ بايقاش ئۈچۈن يېڭى بىر ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەزكۇر تەتقىقات، Nature Astronomy ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر ماقالىدە دوكلات قىلىندى. تەتقىقاتچىلار، بىر قوڭۇر كەنجى بىلەن بىر قىزىل كەنجىنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بىر جۈپ سىستېما بايقىدى. كۆزىتىشلەر ۋە مودېللار، ماددىنىڭ قوڭۇر كەنجىدىن قىزىل كەنجىگە قاراپ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ جەرياننىڭمۇ ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى