سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى
رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلىشتا شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى نامايان قىلغان «قەھرىمانلىق»قا يۇقىرى باھا بەردى.
شىمالىي كورېيە رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى
/ AP

شىمالىي كورېيە تۇنجى قېتىم رۇسىيەگە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى دەلىللىدى؛ شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —KCNA، پىيوڭياڭ ئەسكەرلىرىنىڭ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ رۇسىيە چېگراسىدىكى كۇرسكى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى دەلىللىشىدىن پەقەت بىر قانچە كۈن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى. جەنۇبىي كورېيە ۋە غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرى پىيوڭياڭنىڭ ئۆتكەن يىلى كۇرسكىدىكى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇزۇندىن بۇيان دوكلات قىلىپ كەلگەن ئىدى.

KCNA  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باياناتىدا: «قوراللىق قىسىملىرىمىزنىڭ تارماق ئەترەتلىرى، كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، كۇرسكى رايونلىرىنى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى» دېگەن.

خەۋەردە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئاساسەن ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

KCNA  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم: «ئادالەت ئۈچۈن جەڭ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قەھرىمان ۋە ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر» دېگەن ۋە «ئۇرۇش غەلىبىلىرى»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن يېقىندا پايتەختتە بىر خاتىرە مۇنارى ياسىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراتقان تەلۋىلەرچە ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، كۇرسكى رايونىنى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.»

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ شەنبە كۈنى، «ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا مۇھىم ياردەملەرنى قىلغان» شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايان قىلغان «قەھرىمانلىقى»نى ماختىدى.

ئەمما ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي يەكشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، موسكۋانىڭ غەربىي رايوننىڭ «ئازاد قىلىنغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگىنىگە قارىماي، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھېلىھەم رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىدا ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى