پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى مەسىلىسىدە تېخىمۇ تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەك
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى پوزىتسىيەلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىدە ھەممەيلەننىڭ «ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىرازى» بارلىقىنى تەكىتلىدى.
فىدان: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى مەسىلىسىدە تېخىمۇ تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەك
Fidan said that "the genocide openly supported by the EU and the US can only be influenced to a certain extent by the joint stance put forward by Islamic countries.” / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

فىدان يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ: «ھازىرغىچە، بولۇپمۇ (سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن دەۋرىدە باشلانغان سىياسەتلەر نەتىجىسىدە، ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن مۇمكىن بولدى. ھۆرمەتلىك (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد) ترامپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. ھازىر ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز. بارلىق دىپلوماتىيە ساھەسىدىكىلەر ئورتاقلاشقان نۇقتا شۇكى: ئامېرىكادىكى يېڭى ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە قىلىنىشى، داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئۇلارغا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك.» دېدى.

فىدان، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەسىلىسىدە، ھەممەيلەننىڭ «ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىرازى» بارلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر فىدان، بۇ ئېتىرازلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاشكارا، بەزىلىرىنىڭ بولسا مەخپىي ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى بېلەت تاشلاشتا 156 دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلىنىڭ، دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بىرلىككە كەلگەن بۇ مەسىلىنى، (يەنى بۇ كىرىزىسنى) توختىتىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان: «مانا دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنىيلىق كىرىزىسى، سىستېما كىرىزىسى دەل مۇشۇ يەردە ئۆزىنى نامايان قىلماقتا» دېدى.

ئىسرائىلىيەگە قارشى ئوخشىمىغان قەدەملەرنى تاشلاش يۆنىلىشىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان: «ئەمما نېمىلا دېمەيلى، تېخىمۇ كۆپ سەرمايە ۋە سىياسىي كۈچكە ئىگە ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىن كېلىۋاتقان قوللاش توختىتىلمىغۇچە، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت» دەپ كۆرسەتتى.

مىنىستىر فىدان، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا سىستېمىدا قىسقا مۇددەتتە بولغىنىدەك، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتىمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ مەسىلىگە دائىر خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا. ئەمما غەززەگە بولغان دىققەت ھەرگىزمۇ سۇسلاشماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلايدىغان ياكى تاشلىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن فىدان، تۈركىيەنىڭ ئەڭ باشىدىن تارتىپ «ئۆز تەسىر دائىرىسىدە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلغانلىقى» ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە ئەلچىنى قايتۇرۇۋېلىشتىن تارتىپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكىچە بولغان بارلىق قەدەملەرنى تاشلىدۇق. كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەر سەۋىيەسىدە، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى  (IHT)، D-8  (تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت) تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇپىلىرىدا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»

مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئوچۇقتىن-ئوچۇق قوللاۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق پوزىتسىيەسى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكى»نى قەيت قىلىپ: «بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئۈستىدە ئەمەس، ئامېرىكا ئۈستىدە دىپلوماتىك خىزمەت ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى