خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىمىترىي مېدۋېدېۋ، دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز» / Reuters (Wire)
 

دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ «دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يادرو قورالى: دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى «موسكۋا خەلقئارا قانۇن ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىندى.

مېدۋېدېۋ ماقالىسىدا: «دۆلەتنىڭ يادرو سىياسىتى ئاساسلىرى، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىت ئاستىدا قالغان ياكى دۆلىتىمىزگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈلگەن ئەھۋاللاردا، ئەمەلىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىدۇ» دەپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە مەخپىي ياكى ئاشكارا شەكىلدە يادرو قورالى بېرىشىنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى قىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا ۋە ناتو دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايدىغان شارائىتلارنى يارىتىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مېدۋېدېۋ، موسكۋانىڭ بۇ يۆنىلىشتە قارار ئېلىشتىن بۇرۇن يەتكۈزۈلگەن زىياننىڭ كۆلىمى ۋە قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنىڭ تەڭپۇڭ بولۇش-بولماسلىقىنى ئەتراپلىق باھالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېدۋېدېۋ: «ئۇكرائىنا ۋە قوللىغۇچىلىرى خەتەرلىك بىر خاتا قاراشقا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سېنارىيەلەر رېئاللىققا ئايلانغان تەقدىردە يادرو قورالى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىز بولغىنىدەك، بۇنى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىزمۇ بار. بۈگۈن ئوت بىلەن ئويناۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» جەريانىدا يادرو قورالى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ۋە ئەتراپلىق باھالاش نەتىجىسىدە بۇنداق قەدەمگە ھاجەت يوق دېگەن قارارغا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان مېدۋېدېۋ، خەلقئارا قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن يادرو قورالى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

ئۇ ماقالىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پەرقلىق ھالدا ئىراننىڭ يادرو ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك دەيدىغان پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ «قوش ئۆلچەم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مېدۋېدېۋ يەنە يادرو قورالىغا بىۋاسىتە ئىگە بولمىغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناتونىڭ يادرو توسۇش مۇساپىسىگە قاتنىشىش ئۇرۇنۇشلىرىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026