«ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى ھېچقايسى تەرەپكە 'مۇتلەق غەلىبە' ئېلىپ كەلمەيدۇ»

خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى (ICG) تەھلىلچىلىرى، توقۇنۇشنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر بېكىنمە ھالەتكە كىرىپ قېلىش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

By
«ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى ھېچقايسى تەرەپكە 'مۇتلەق غەلىبە' ئېلىپ كەلمەيدۇ» / Reuters

خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى (ICG) تەھلىلچىلىرى، ئېنىق بىر نەتىجە ئىزدەش جەريانىدا ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ «مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» بىلدۈرۈپ، توقۇنۇشنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر بېكىنمە ھالەتكە كىرىپ قېلىش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ۋاشىنگتون  28-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارىتا بىرلىكتە ھۇجۇم باشلاپ، تېھراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 1300 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىم ۋە پۇقرانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئىران بۇ ئەھۋالغا دەرھال قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىدى.  

ئىران ئىسرائىلىيەنى، ئامېرىكا بازىلىرىنى ۋە قولتۇقتىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى، جۈملىدىن پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلدى شۇنداقلا ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئېنېرگىيە تىرانسپورتىنى توختىتىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە بازارلىرىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.

دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە، ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىدىكى ئۇتۇقلىرىنى ساقلاپ قالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جىددىي ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنى رەت قىلىدىغان تۈرلۈك باياناتلارنى بەردى. ئۇ ئىراننىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تېخى يېتەرلىك بولمىغان شەرتلەر سەۋەبىدىن بۇنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىران دائىرىلىرى ئۇرۇش توختىتىش ياكى سۆھبەتلىشىش تەلىپىدە بولمىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ترامپنىڭ سىياسىتىگە زىت بولغان بىر پوزىتسىيەدە بولدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى دۈشەنبە كۈنى، تېھراننىڭ ئۇرۇشنى سۆھبەت يولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنى «خىيالىي» دەپ ئاتاپ، ئەتىگەن سائەتلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا، دۆلىتىنىڭ «نە ئۇرۇش توختىتىش، نە كۆرۈشۈش» ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاراقچى X سۇپىسىدا يازغان ئۇچۇرىدا: «بىزنىڭ كۈچلۈك قوراللىق قىسىملىرىمىز، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ھەم ئامېرىكىلىقلارغا، ھەم ئىرانلىقلارغا تېڭىۋاتقان قانۇنسىز ئۇرۇشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ۋە ھەرگىز تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكى چۈشىنىلگۈچە ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى (ICG) ئىران بۆلۈمى مۇدىرى ئەلى ۋائەزنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «بۇ ئۇرۇش بارغانسېرى ھېچكىم قەتئىي غەلىبە قىلالمايدىغان، ئەمما ھەممە ئادەم دېگۈدەك زىيان تارتىدىغان بىر ئۇرۇشقا ئايلانماقتا»

ئەلى ۋائەز TRT World قانىلىغا ئەۋەتكەن باياناتىدا: «جىددىي ئۇرۇش توختىتىش ئاجىز ۋە تولۇقسىز بولىدۇ، سىياسىي جەھەتتىن قانائەتلىنەرلىك بولمايدۇ؛. بولۇپمۇ ئىراننىڭ يادرو كەلگۈسىدىن تارتىپ رايوننىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغىچە بولغان ئەڭ قىيىن سوئاللارنى ئۈستەلدە قالدۇرۇپ قويىسىمۇ، بۇ ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق يول ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

غەلىبە ئېلان قىلىش

ICG نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، توقۇنۇشلار ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىرانغا ھەم پايدا ھەم زىيان ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ۋەقەلەر تېخىمۇ يامانلاشماي تۇرۇپ، تېز ھەرىكەت قىلىش شەرتى بىلەن» توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى دەۋا قىلالايدىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

دوكلاتتا: «ۋاشىنگتوننىڭ تەشۋىقاتى بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش كۈچىنىڭ ئىراننىڭ يادرو، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىقتىدارىغا قانچىلىك زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە مەركەزلىشىدۇ» دېيىلگەن.

بۇنىڭ ئەكسىچە، توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ يېقىلغۇ تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە سىياسىي قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈزۈلۈشلەرگە يول ئېچىش خەۋپى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا يەنە: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمۇ غەلىبە بايانىدا بولالايدۇ. ئۇ كۈچلۈك بىر ھۇجۇمدىن ئامان قالغان، ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىمسىزلاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ. ئۇرۇش قايتىدىن باشلانغان تەقدىردە ئازابنىڭ ھەممە يەرگە يېيىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ» دېيىلدى.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بۇنىڭغا قارىغاندا، توقۇنۇش كۈنسىرى تېخىمۇ چوڭ ۋەيرانچىلىق، ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە قوشنىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىش دېمەكتۇر. قوشنىلار ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، تېھراننىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ، كەلگۈسىدە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رولىنى ئويناشقا قىزىقماسلىقى مۇمكىن»

ۋائەز تېخىمۇ ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا  مۇمكىن ئەمەسلىكى» پىكىرىدە.

ئىران، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنىڭ ئارىسىدا تەخمىنەن 200 ئايال ۋە 12 ياشتىن تۆۋەن 200 كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 1300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، 10 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ يارىلىنىشىغا ۋە ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەدە 12 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.

لىۋاندا بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىشى 886 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 67 ئايال ۋە 111 كىچىل بالا بار. تەخمىنەن 2141 كىشى يارالانغان ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلغان.

پارىس قولتۇقى ئەللىرى ۋە ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتاپى (CENTCOM) مەسئۇللىرى، ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان 26 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇلارنىڭ 13 ى ئەسكەر ياكى بىخەتەرلىك خادىمى، يەتتىسى بولسا ئامېرىكا ھەربىي خادىمىدۇر.

كۇۋەيت بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆز زېمىنىدا ئالتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بەھرەيننىڭ ھەر بىرى ئىككى پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئومان ئۈچ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، قاتار بولسا 16 ئادەم يارالانغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈش ئەھۋالى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئىيوردانىيە ۋە سۈرىيەدە ئونلىغان كىشى يارالاندى، ئىراقتىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە مەسئۇللار بولسا ئاز دېگەندە 53 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

«ھۆكۈمەتلەر خەتەرنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا»

جىددىيچىلىكنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئائىت ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەسلىكى ۋە دىپلوماتىك ئۈمىدلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن، توقۇنۇشنىڭ بېكىنمە ھالەتتە قېلىپ داۋاملىشىش خەۋپى بار.

خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسىدىن ۋائەز: «ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىرانغا غايەت زور زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، ئەمما بۇ توقۇنۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلىرىنى بومباردىمان قىلىش يولى بىلەن يوقىتالمايدۇ. ئىرانمۇ ئۆز نۆۋىتىدە رەقىبلىرىنى ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇپ قىلالمايدۇ. جەڭ مەيدانىنى كېڭەيتەلەيدۇ، تەننەرخنى ئاشۇرالايدۇ ۋە ئۇلارنى ئېنىق بىر غەلىبىدىن مەھرۇم قالدۇرالايدۇ» دېدى.

ICG مۇتەخەسسىسى، توقۇنۇشلارنىڭ «جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىش لوگىكىسى، دىپلوماتىيە ئۈچۈن قالغان ئەڭ ئاخىرقى بوشلۇقنىمۇ ئىگىلىۋېلىشتىن بۇرۇن» توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە ئورگانلار پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى رىچارد گوۋاننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تېھراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقىنى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەھدىت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھۆكۈمەتلەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن باشلانغان بىر توقۇنۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك پوزىتسىيە تۇتۇشتا قىينالماقتا.

گوۋان بىر باياناتىدا: «بۇ دۇنياۋى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلىرى بولغان بىر ئۇرۇش، ئەمما دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمەتلەر خەتەرنى ئازايتىشقا ۋە توقۇنۇشنىڭ قانۇنىيلىقى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تۇراقسىز ھۆكۈمىتى بىلەن بەسلىشىشتىن قېچىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. گرېنلاندىيە مەسىلىسىدە يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگەن نۇرغۇن ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى، يېقىن شەرق ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى يۇمشاتتى» دېدى.

گوۋان: «نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۆرلەۋاتقان نېفىت باھاسى ئالدىدا ئىراننىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ» دەپ سۆزلىدى.

گوۋان يەنە: «ۋاشىنگتوننىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان بىر توقۇنۇشقا تارتىلىشى ھەر ئىككىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەتتا ئىراندا دوستلىرىغا ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك يوللارنى ئوچۇق تۇتۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا» دېدى.