ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى رىيادتا ئېچىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئېچىلدى؛ يىغىن جەريانىدا، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى رىيادتا ئېچىلدى
بۇ مۇنبەرگە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سودا-مەبلەغ مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان 200 دىن ئارتۇق شىركەتتىن تەشكىللەنگەن تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. / Others

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي باغلىنىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى رىيادتا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىلانلانغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى «سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز ئەلفالىھ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كېلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مىنىستىر بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى شېرىكچىلىك سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ئالاقىلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت باسقۇچىغا ئۆتۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر يەنە مەزكۇر مۇنبەردە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سودا، ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش ئالاقىلىرىنى كېڭەيتىشكە قىزىقىدىغان 200 دىن ئارتۇق تۈركىيە شىركىتىدىن تەشكىللەنگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ئىشتىراك قىلىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىلەن خۇسۇسىي ساھەنىڭ مۇھىم رولىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ» دېدى.

تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە 10 مىليارد دوللارغا يېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ دۆلەتتىكى زىيارىتى جەريانىدا مىنىستىرلىقلار ۋە سودا تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك 10 مىليارد دوللارلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك 30 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانى بېكىتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۈمىد قىلىمەنكى، 2026-يىلى 10 مىليارد دوللارلىق نىشانىمىزغا يەتكەن يىل بولىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى سودا سوممىسىنىڭ 8.6 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
SpaceX ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچىدىن قانداق ئورۇن ئالدى؟
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا