خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تايلاندتىكى پويىز ۋەقەسىدە 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تايلاند ساقچى تەرەپ كىراننىڭ پويىزنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 22 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تايلاندتىكى پويىز ۋەقەسىدە 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
 تايلاندتىكى پويىز ۋەقەسىدە 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / AFP

سانائەت ۋە قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدىكى ھادىسىلەر ئۇزۇندىن بۇيان كەڭ دائىرىدە يۈز بېرىۋاتقان تايلاندتا، بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنماسلىقى سەۋەبىدىن كۆپىنچە ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ۋەقەلەر مەيدانغا كەلمەكتە.

يەرلىك دائىرىلەر تايلاندتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىدىكى بىر كىراننىڭ چارشەنبە كۈنى بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، مەزكۇر پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، كەم دېگەندە 22 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناخون راتچاسىما ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاتچاپون چىنناۋوڭ، ھادىسىدە 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت تەخمىنەن 09:00 ئەتراپىدا، پايتەخت باڭكوكنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ناخون راتچاسىما رايونىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر كىراننىڭ يولۇچىلار پويىزى ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەردى.

ناخون راتچاسىما ۋىلايىتى ئاممىۋى ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىر كىران پويىز ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە پويىز رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، ئارقىدىنلا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.»

يەرلىك  ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىدە، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كېتىۋاتقانلىقى، پارلاق رەڭلىك بىر پويىزنىڭ يان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە خارابىلىكلەردىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

ناخون راتچاسىما ۋىلايىتى پويىزنىڭ باڭكوكتىن ئۇبون راتچاتانى ۋىلايىتىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى پىفات راتچاكىتپراكارن پويىزدا 195 كىشىنىڭ بارلىقىنى ۋە دائىرىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھادىسىگە سەۋەب بولغان كىران بېيجىڭ تەرىپىدىن قوللىنىۋاتقان ۋە تايلاندتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى قۇرۇشنى نىشان قىلغان 5 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق بىر قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىشلىتىلىۋاتاتتى؛ بۇ تۈر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى دائىرىسىدە، 2028-يىلىغىچە لائوس ئارقىلىق باڭكۇكنى خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»