تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: سۈرىيەدە تېررورىزمنىڭ پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەردوغان ئەھمەد شاراغا: «سۈرىيەدە تېررورىزمنىڭ پۈتۈنلەي تازىلىنىشىنىڭ سۈرىيە ۋە رايون ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: سۈرىيەدە تېررورىزمنىڭ پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم
ئەردوغان: سۈرىيەدە تېررورىزمنىڭ پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم / AA
 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەھمەد شارا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ تېررورىزمدىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشىنىڭ ھەم سۈرىيە ھەم پۈتكۈل رايون ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇراننىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان: «تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە سۈرىيەنى داۋاملىق قوللىماقتا» دېگەن.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتتە، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى، ھەمكارلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى