سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: يادرو سۆھبىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى «قورقۇنچ» بولۇشى مۇمكىن
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىران بىلەن بولغان يادرو سۆھبىتىدىكى دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى «قورقۇنچ» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ترامپ: يادرو سۆھبىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى «قورقۇنچ» بولۇشى مۇمكىن
ترامپ: ئىراندا ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەڭ ياخشى ئىش بولۇشى مۇمكىن، دېدى. رويتېرس. / Reuters
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە «جاھىللىق» قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن «قورقۇنچ» پەيدا قىلىشنىڭ زۆرۈر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ جۈمە (2026-يىلى 13-فېۋرال) كۈنى شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى فورت براگ (Fort Bragg) ھەربىي بازىسىدا: «ئۇلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش قىيىن بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلدى: «بەزىدە سىز چوقۇم قورقۇنچ پەيدا قىلىشىڭىز كېرەك. ۋەزىيەتنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىردىنبىر نەرسە مانا شۇ.»

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئىككىنچى ئاۋىياماتكانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ترامپ بۇ قەدەمنىڭ ئەگەر سۆھبەت مەغلۇب بولسا، ئامېرىكانىڭ تەييار تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە ئىراندا ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشىنىڭ «يۈز بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىش» بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئىراندا «ھاكىمىيەت ئالمىشىشى» نى ئارزۇ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ترامپ: «بۇ يۈز بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ. 47 يىلدىن بۇيان ئۇلار توختىماي سۆزلەپ كەلدى. ئۇلار سۆزلىشىۋاتقان شۇ جەرياندا بىز نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump hopes Iran deal next month while Netanyahu voices 'general scepticism'

بېسىم ئاستىدىكى دىپلوماتىيە

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما نەتىجىسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئومان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ۋاسىتىچىلىق قىلدى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تېھراننىڭ ۋاشىنگتوننىڭ سەمىمىيىتىنى مۆلچەرلىشىگە پۇرسەت ياراتقانلىقىنى ۋە دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئورتاق مەنپەئەت بارلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.

ترامپ سۆزىدە يەنە ئۆتكەن يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ سۈپەتلىدى.

ئۇ فورت براگ ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، 3-يانۋار (2026) دىكى ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ترامپ ئەسكەرلەرنى ماختىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئامېرىكانىڭ چەت ئەلدىكى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن باغلىدى.

ئۇ ئىچكى سىياسەت ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ دېموكراتچى رەقىبلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئەگەر ئۇلار نويابىردىكى سايلامدا كونگرەنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالسا، ئارمىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ترامپنىڭ يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە بىلەن بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، تېھران بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىي تاللاشلارنىڭ ھېلىھەم كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى