ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئۆچ ئالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

By
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىراننى «چوڭ دۆلەت» دېدى، لېكىن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىر ئايدىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. / Reuters

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تالاپەتنىڭ يەنە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى قوبۇل قىلىپ: «ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بەلكىم تېخىمۇ كۆپ يوقىتىشلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇرۇش دۇنيا ئۈچۈن چوڭ بىر ئىلگىرىلەش بولىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۆز ئۇچۇرىدا ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى، ئىران ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرىنى قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا چاقىردى. ئۇ قورال تاشلىغانلارنىڭ تولۇق كەچۈرۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا «مۇقەررەر ئۆلۈم» بىلەن يۈزلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئېنىق ئۆلۈم بولىدۇ، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولمايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى. ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى فىلورىدادىكى دەم ئېلىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈش جەريانىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ترامپ، ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تەخمىنەن تۆت ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ترامپ يەنە ئىران خەلقىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ھازىرقى ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۈندىدى. ئۇ: «ئەركىنلىككە تەشنا بارلىق ئىرانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرگە خىتاب قىلىمەن: بۇ پەيتنى چىڭ تۇتۇڭلار، جاسارەتلىك بولۇڭلار ۋە دۆلىتىڭلارنى قايتۇرۇۋېلىڭلار. ئامېرىكا سىلەر بىلەن بىللە» دېدى. «Daily Mail» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇملاردا قازا قىلغان ئۈچ ئەسكەرنى «ئاجايىپ ئىنسانلار» دەپ تەرىپلىگەن ترامپ، بەش ئەسكەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ تالاپەتلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرىنى ۋە ئونلارچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرگەن ھەرىكەتنىڭ پىلانلانغان كۈنتەرتىپتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىرانلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بېرىپ: «ئۇلار سۆزلىشىشنى خالايدۇ، ئەمما مەن بۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ھەپتە ئەمەسلىكىنى ئېيتتىم» دېدى. ترامپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىراننىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۆت ھەپتە ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ۋاقىت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.