سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 4700 شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى كىم جوڭئۇننىڭ رۇسىيەدىكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قىلغان ھەربىي ياردىمى نەتىجىسىدە شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىدىن تەخمىنەن 5000 كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 4700 شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
/ Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ30-كۈنى

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى جەريانىدا تەخمىنەن 4700 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بۇ بايانات شىمالىي كورېيەنىڭ، رۇسىيە ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنانىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بىر قېتىملىق ھۇجۇمى سەۋەبلىك كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويغان كۇرسكى رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم جەڭچى ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللىشىدىن ئىككى كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

پارلامېنت كومىتېتىنىڭ يېپىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى لى سىيوڭ كۋىيۇن بايانات بېرىپ، جەنۇبىي كورېيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 600  ى ئۆلۈك بولۇپ جەمئىي 4700 ئەسكىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 2000  يارىدار شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ يانۋار ۋە مارت ئايلىرى ئارىلىقىدا ئايروپىلان ياكى پويىز ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دوكلات قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆلگەن شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ رۇسىيەدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈللىرىنىڭ كېيىن ۋەتىنىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يانۋار ئېيىدا تەخمىنەن 300 شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 2700  نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى ئۆتكەن ئايدا بۇ ساننىڭ 4000  غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ، «ئۇكرائىنالىق يېڭى ناتسىست ئىشغالىيەتچىلەرنى يوقىتىش ۋە كۇرسكى رايونىنى رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئازاد قىلىش» ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كېيىن شىمالىي كورېيەگە رەھمەت ئېيتىپ، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ پىداكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىم جوڭئۇن بىلەن پۇتىن ھەر ئىككىلىسى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىككى دۆلەتنىڭ 2024-يىلىدىكى مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كېلىشىم، تەرەپلەردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنىڭ خوراپ كەتكەن قورال-ياراغ زاپىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن زور مىقداردا ئادەتتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يەنە رۇسىيەنىڭ بۇنىڭ بەدىلىگە شىمالىي كورېيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانماقتا.

10 مىڭدىن ئارتۇق شىمالىي كورېيە ئەسكىرى

ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن يىلى كۈزدە رۇسىيەگە 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى مارت ئېيىدا شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا رۇسىيەگە تەخمىنەن 3000 قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

چارشەنبە كۈنىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەنى ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. بۇ ئۇچۇرنى يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى كىم بيوڭ كىي جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى.

كىم يەنە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 15  مىڭ شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سانائەت ھەمكارلىق پىلانى دائىرىسىدە رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەگە ئەۋەتكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ئوق-دورىلىرىنىڭ مىلياردلارچە دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكىنى، لېكىن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇلار ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە نەق پۇل تۆلىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەتنى بايقىمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى