سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ چىقىمى 37 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى»
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېت ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ چىقىمىنىڭ 37 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ چىقىمى 37 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى»
«ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ چىقىمى 37 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى»

خېگسېتنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى 4 قېتىم نارازىلىق سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن قوشۇمچە مەنبەلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ چىقىمىنىڭ37 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پېت خېگسېت، باش ئىشتاب باشلىقى دان كاين ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى برۇك روللىنس بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان قوشۇمچە خامچوت مەسىلىسىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مەبلەغ ئاجرىتىش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، جەسۇر ۋە تېز قەدەملەر تاشلىنىشى كېرەك بولغان خەتەرلىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. 2026-مالىيە يىلىغا قارىتىلغان بۇ قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىش تەلىپىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ. دەرۋەقە، مەزكۇر خامچوت تەلىپى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا قارىتىلغان زۆرۈر ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى مەنبە تولۇقلىمىسىدۇر.»

خېگسېت بۇ قوشۇمچە مەبلەغ تەلىپىنىڭ ھازىرقى مەنبەلەرنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بىر تاللاش ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز باشقا بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. تېخنولوگىيە، بىر تەرەپ قىلىش كۈچى، سۈنئىي ئەقىل، ئاپتوماتىك سىستېمىلار ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەلىرىدە ھالقىلىق مەبلەغ سېلىشنى دەرھال ئېلىپ بارمىساق، ھەرىكەتسىز قېلىش ھەشەمىتىمىز بولمايدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ خىل مەبلەغلەرنى سېلىۋاتقان رەقىبلىرىمىز بىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، دېموكرات پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىننىڭ 28-فېۋرالدا باشلانغان ئىران ئۇرۇشىنىڭ چىقىمىغا دائىر سوئالىغا: «ھازىرغىچە 37 مىليارد 500 مىليون دوللار چىقىم قىلىندى» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ مەبلەغلەر بولمىسا، ئەسكەرلەرنىڭ مائاشىنى بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان خېگسېت، يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئۈسكۈنە ۋە ئوق-دورىلارنى تېزلىكتە يېڭىلاش ھەمدە مۇھىم ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان» ھالقىلىق كەمتۈكلۈكلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

خېگسېتنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى 4 قېتىم نارازىلىق سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىش تەلىپى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتنىڭ كەڭەش پالاتاسىدىكى ئېچىلىش نۇتىقى ئۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار تەرىپىدىن نارازىلىققا ئۇچرىدى.

خېگسېت تېخى بىرىنچى جۈملىسىدىلا زالدىكى بىر قىسىم ئۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار تەرىپىدىن نارازىلىققا ئۇچرىدى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 4 قېتىم نامايىشچىلار تەرىپىدىن سۆزدىن توختىتىپ قويۇلدى.

ئۇرۇشقا قارشى نامايىشچىلار زالدىن تېزلىكتە چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ «بىگۇناھ بالىلارنى بومبىلاشنى توختىتىڭلار» دېگەن سۆزلىرى ئاڭلاندى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ