تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
فىدان بىلەن پۇتىن تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئۇچرىشىشى تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا، ئىستانبۇل تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىنكى ئۇكرائىناغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
فىدان بىلەن پۇتىن تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان بىلەن كۆرۈشتى / Reuters

تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن.

مەنبەلەر ئۇچرىشىشنىڭ دۈشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى  سائەت 19:30 دا [يەرشارى ئۆلچەملىك ۋاقتى GMT 16:30] باشلىنىپ تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر يېقىنقى تىرىشچانلىقلارنىڭ، شۇنداقلا 16-ماي ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

پۇتىن بىلەن خاقان فىدان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

خاقان فىدان بۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى موسكۋانىڭ كىيېۋ بىلەن بولغان باش مۇزاكىرىچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىي بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...