خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا بىر ئۆي بويۇملىرى بازىرىدىن ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنغان بىر پارچە رەسىمنىڭ داڭلىق رەسسام گېرتىرۇد ئابېركىرومبىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى / TRT Haber

ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى بىر ئۆي جابدۇقلىرى سېتىش دۇكىنىدىن 30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم، داڭلىق سۇررېئالىزمچى رەسسام گېرتىرۇد ئابېركىرومبىنىڭ (Gertrude Abercrombie) ئەسىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.

ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سېتىش پائالىيىتىدە بىر قاراڭغۇ بۇلۇڭدىن تېپىلغان بۇ «جانلىق تەبىئەت» (natürmort) ئەسىرى، Freeman's كىملىك سېتىش ئۆيى تەرىپىدىن سېتىشقا سۇنۇلدى.

 مۇتەخەسسىسلەر تەخمىنەن 75 يىلدىن بىرى كۆزگە چېلىقمىغان بۇ مەشھۇر ئەسەرنىڭ گېرتىرۇد ئابېركىرومبىنىڭ «Alderman Merriam نىڭ قېپى» ناملىق رەسىمى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. 1951-يىلى تاماملانغان ۋە ئون دانە دېڭىز قېپى تەسۋىرلەنگەن بۇ رەسىم، «ئامېرىكا سەنئىتىنىڭ بوخېم خانىشى» دەپ ئاتالغان ئابېركىرومبىنىڭ ئالتە قېتىملىق شەخسىي كۆرگەزمىسىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، شۇ چاغلاردا 50 دوللاردىن 150 دوللارغىچە باھا قويۇلغان ئىدى.

رەسىم دوختۇرنىڭ چىقىمىنى تۆلەش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى

رەسسام بۇ ئەسىرىنى ھېچقاچان ساتمىغان، بەلكى تىببىي مۇلازىمەت ھەققى سۈپىتىدە مىچىگاننىڭ كالامازۇ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرغا سوۋغا قىلغان. رەسىم دوختۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىراس سۈپىتىدە بىرنەچچە قېتىم قولدىن قولغا ئۆتكەن ۋە ئاخىرىدا ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا قايتا ئوتتۇرىغا چىققان.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سېتىۋالغۇچى، رەسىمنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا تۇتىشىدىغان كارىدورنىڭ قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭىدىن تاپقان. قارا ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئارانلا كۆرۈنىدىغان ئىمزانى بايقىغان سېتىۋالغۇچى 30 دوللار تۆلەپ رەسىمنى سېتىۋالغان. كېيىنچە ئائىلىسى بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە مىلۋاكى سەنئەت مۇزىيىدىكى ئابېركىرومبى كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغاندا، كۆرگەزمە كاتالوگىدىكى 1952-يىلىغا تەۋە بىر گېزىت پارچىسىدىن بۇ رەسىمنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ قالغان.

ئەسەر قايتا رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن رېكورت باھادا سېتىلدى. سەنئەت تارىخى پىروفېسسورى سۇسان ۋېينىنگېر (Susan Weininger) بۇ رەسىمنىڭ ئەسلى رامكىسى ئىچىدىكى ھەقىقىي ئابېركىرومبى ئەسىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى جۇلىيان باۋمگارتنېر تەرىپىدىن تازىلانغان رەسىمنىڭ، يۈزىدىكى كىر ۋە تۇتۇقلىشىپ كەتكەن لاكتىن باشقا مۇكەممەل ھالەتتە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

Freeman's تەرىپىدىن 150 مىڭ - 250 مىڭ دوللار ئارىلىقىدا باھا قويۇلغان رەسىم، مۆلچەردىن ئېشىپ كېتىپ 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى. بۇ باھا ئابېركىرومبىنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر كىمئارتۇق رېكورتى بولۇپ قالدى.

 رەسسامنىڭ «مەرھەمەت ئۈچۈن ئۇچۇر» ناملىق يەنە بىر ئەسىرى 2025-يىلى Sotheby's تەرىپىدىن 1 مىليون 20 مىڭ دوللارغا سېتىلغان ئىدى. 1977-يىلى ۋاپات بولغان رەسسام ئابېركىرومبى ئۆزىنىڭ چۈشكە ئوخشايدىغان سۇررېئال ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق