سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر تۇنچ ئىستانبۇلدىكى تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىدى
يىلماز تۇنچ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان قانۇنىي تەكشۈرۈش جەريانىغا سىياسىي جەھەتتىن ئارىلىشىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى.
مىنىستىر تۇنچ ئىستانبۇلدىكى تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىدى
Ο Τούρκος υπουργός Δικαιοσύνης, Γιλμάζ Τουντς. / AA

يىلماز تۇنچ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان قانۇنىي تەكشۈرۈش جەريانىغا سىياسىي جەھەتتىن ئارىلىشىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلىپ، تۈركىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى قانۇنىي مۇساپىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ دولماباغچە خىزمەت ئىشخانىسىدا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىگە بايانات بېرىپ، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋە باشقا كىشىلەرگە قارىتىلغان يېقىنقى تەكشۈرۈشلەرنىڭ سىياسىي غەرەز بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى.

مىنىستىر تۇنچ داۋاملىشىۋاتقان قانۇنىي تەكشۈرۈشلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈش دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىش باشلانغان پەيتتىن تارتىپ، بەزى دائىرىلەر تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنىدىن، دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، تەكشۈرۈش ئورگىنىغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق، قانۇنىي تەكشۈرۈشنى سىياسىي غەرەزدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتەك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئۇلار تەكشۈرۈشنى جۇمھۇر رەئىسىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. بىز بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان باياناتلارنى رەت قىلىمىز». ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا ئاساسەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېموكراتىك قانۇن دۆلىتىدۇر. ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ 9-ماددىسىغا ئاساسەن، سوتلاش ھوقۇقى بىتەرەپ ۋە مۇستەقىل سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلىدۇ» دېدى.

تۇنچ ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەمئىي 106 گۇماندارغا چېتىشلىق ئىككى ئايرىم دېلوغا دائىر يېڭى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى. ئۇ بىرىنچى دېلودا، يەتتە كىشىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈچىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بىرىنىڭ بولسا ئەدلىيەنىڭ نازارەت قىلىشى شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىككىنچى دېلو بولسا، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، ئالدامچىلىق ۋە قانۇنسىز سانلىق مەلۇمات توپلاش جىنايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر ئىككى دېلوغا چېتىشلىق  106 گۇماندارنىڭ 51 نەپىرى قاماققا ئېلىنغان، 41 نەپىرى ئەدلىيەنىڭ نازارەت قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن، 14 گۇماندار بولسا قاچقۇن ھالەتتە ئىكەن.

مىنىستىر تۇنچ تەكشۈرۈشلەرنىڭ مالىيە جىنايىتى دوكلاتلىرى ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئېنىقلىمىلىرىغا ئاساسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارىلىشىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى قەتئىي رەت قىلدى ۋە : «تەكشۈرۈش باسقۇچىدا، ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلار، ئاقلاشلار ۋە دەلىللەرگە قاراپ چىقىلىدۇ، ماددىي ھەقىقەت بارلىق دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە نەتىجىسىنى پۈتكۈل جامائەتچىلىك ئاشكارا ھالدا كۆرىدۇ» دېدى.

تۇنچ خەلقئارا كۈچلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەلىرىنىمۇ تەنقىد قىلىپ: «ئەپسۇسكى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئېلان قىلىنغان بەزى يېقىنقى باياناتلاردا بۇ ئاساسىي پىرىنسىپقا سەل قارالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيەگە قارىتىلغان بۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېدى ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتلەردە سىياسىي ئەربابلارنىڭمۇ قانۇنىي تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە نازارەتكە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ قانۇنىي تەكشۈرۈش جەريانلىرىغا سەۋرچانلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن تۇنچ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىپ: «شۇ سەۋەبتىن، بولۇپمۇ ياۋروپالىق دوستلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ساغلام ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ تەقەززاسى بولغاندەك، داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن كۈتۈشى ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇيىمىزدۇر» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى