ئەزەربەيجان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىراندىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنى تاقىدى

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ناخچىۋاندىكى بىر قانچە جايلار ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تېھراندىكى ئەلچىخانىسى ۋە تەبرىزدىكى كونسۇلخانىسىنى بوشىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

By
بايراموۋ: «قوراللىق كۈچلىرىمىزنى ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ھازىرلىق ھالىتىگە كەلتۈردۇق» دېدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ جۈمە (2026-يىلى 6-مارت) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ۋە رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن قوراللىق قىسىملارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭگىۋار تەييارلىق ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بايراموۋ ئۇچقۇ ھۇجۇمىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا، مۇناسىپ قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە دىپلوماتىك ئورۇنلارنىڭ تەخمىنەن 1000 ئىلتىماس قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيتكە بارماقچى بولغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ ئىلتىماسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە (5-مارت) كۈنى ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ناخچىۋاننىڭ ئىران زېمىنىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇ بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۇچقۇنىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ بىناسىغا تەگكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

يەنە بىر ئۇچقۇ شاكاراباد يېزىسىدىكى بىر مەكتەپ بىناسىنىڭ ئەتراپىغا چۈشكەن.

بۇ ھۇجۇملار، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرال (2026) دىن باشلاپ ئىرانغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھەرىكەتلەردە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنېي ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىران بولسا، ئىسرائىلىيەنى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى نىشان قىلىپ، ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشقا تىرىشماقتا.