ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خارگ ئارىلىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراننىڭ ئەڭ كۆپ خام نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان خارگ ئارىلىدىكى ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

By
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى خارگنى ئىشغال قىلىشنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. رويتېرس. / Reuters

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراننىڭ خارگ ئارىلىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئەگەر پاراخوتلارنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشى توسالغۇغا ئۇچرىسا، ئىراننىڭ نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ شەنبە (2026-يىلى 14-مارت) كۈنى ئەتىگەندە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئوتتۇرا شەرق تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بومباردمانلارنىڭ بىرىنى ئىجرا قىلدى ھەمدە ئىراننىڭ تاجى بولغان خارگ ئارىلىدىكى بارلىق ھەربىي نىشانلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىدى.»

ئۇ ئارالدىكى نېفىت ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلماسلىق بۇيرۇقىنى بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر ئىران ياكى باشقا بىرسى پاراخوتلارنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئەركىن ۋە بىخەتەر ئۆتۈشىگە دەخلى قىلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلسا، مەن دەرھال قارارىمغا قايتا قاراپ چىقىمەن» دېدى.

ئىستراتېگىيەلىك ئارال

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە خارگ ئارىلىغا نىسبەتەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ خارگنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ پىلاندا بارلىقىنى ئېيتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ج پ مورگان (JP Morgan) نىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىران چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ ئارال، ئىران خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن %90 نى ئىگەللەيدىكەن.

بۇ تېررىتورىيە مانخاتوننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭغا قارشى ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى دۇنيا خام نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويدى، شۇنداقلا پارس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، نېفىت ئېكسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پات يېقىندا ھورمۇز بوغۇزىدا نېفىت پاراخوتلىرىنى قوغداشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خارگ ئارىلى 1960- ۋە 1970-يىللىرىدىكى ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتكەن دەۋرىدە مۇھىم ئىسترتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. مەزكۇر ئارال ئۇ چاغلاردا دۆلەت قىرغاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دەرىجىدىن تاشقىرى نېفىت پاراخوتلىرى ئۈچۈن تېيىز  بولۇشى سەۋەبىدىن، نېفىت ئېكىسپورتىنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.