ھىندىستان بىتەرەپ ئەمەس

ئامېرىكانىڭ ھىندىستانغا قاراتقان بېسىمى ئاستىدا، پۇتىن بىلەن مودى يېڭى دېھلى باشلىقلار يىغىنىدا سودا ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

By
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە كۆرۈشتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

مودى-پۇتىن ئۇچرىشىشى، يېڭى دېھلىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. ۋاشىنگتون-يېڭى دېھلى سۆھبىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشىغا قارىتا ھىندىستان ماللىرىغا يۈرگۈزگەن جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى كېمەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

جۈمە (2025-يىلى 5-دېكابىر) كۈنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى يېڭى دېھلىدا باشلىقلار سۆھبىتىنى باشلىدى. يېڭى دېھلى رۇسىيە رەھبىرىنى قىزىل گىلەم سېلىپ داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى، مودى ئۇنىڭغا ھىندىستاننىڭ ئۇكرائىنادىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت، پۇتىننىڭ تۆت يىلدىن بۇيان ھىندىستاندا ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، غەربنىڭ ئېمبارگولىرى ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇناسىۋىتىنى قىستاۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيەنىڭ قورال-ياراغ ۋە دېڭىز نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسى بىلەن بولغان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ زىيارەت يېڭى دېھلىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. ۋاشىنگتون-يېڭى دېھلى سۆھبىتىدە، ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشى سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ھىندىستان ماللىرىغا قويۇلغان جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى ئازايتىش مۇزاكىرە قىلىنماقتا ئىدى.

موسكۋا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلدى. رۇسىيە تەرەپ 2030-يىلغىچە سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھىندىستاندىن تېخىمۇ كۆپ مال ئىمپورت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىرغىچە سودا تەڭپۇڭلۇقى يېڭى دېھلىنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە پايدىلىق ھالەتتە تۇرماقتا.

رۇسىيە تەخمىنەن تۆت يىل ئىلگىرى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە تايىنىشنى ئازايتقانسېرى ھىندىستان رۇسىيەنىڭ ئەرزان باھالىق خام نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى كۆپەيتتى، ئەمما بۇ يىل (2025) ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى ۋە ئېمبارگو بېسىمى ئاستىدا سېتىۋېلىشنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولدى.

ھىندىستان بىتەرەپ ئەمەس

مودى سۆھبەت باشلانغاندا پۇتىنغا: «ھىندىستان بىتەرەپ ئەمەس — ھىندىستاننىڭ مەيدانى بار، ئۇ بولسىمۇ تىنچلىق» دېدى.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز تىنچلىق ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر تىرىشچانلىقنى قوللايمىز ۋە تىنچلىق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر بىر تەشەببۇس بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېدى.

پۇتىن جاۋابەن مودىنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىگە ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

بىزنىڭ پۇرسىتىمىز بولدى — سىز ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەردىڭىز — ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە بۇ كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا شېرىكلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىمىز ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلىشىشكە مۇيەسسەر بولدۇق.»

پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: «دۆلەتلىرىمىز ۋە ئىقتىسادىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى كېڭىيىۋاتىدۇ. يۇقىرى تېخنىكا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى ساھەلەر بارلىققا كەلمەكتە. بىزنىڭ ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقى ساھەسىدە ئىنتايىن ئىشەنچلىك مۇناسىۋىتىمىز بار، بىز بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىلگىرىلەشنى خالايمىز.»

پۇتىن پەيشەنبە (4-دېكابىر) كۈنى يېڭى دېھلىغا يېتىپ بارغاندا، مودى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. مودى پۇتىن بىلەن ئايرودۇرۇمدا قۇچاقلاپ كۆرۈشتى. ئاندىن ئىككى رەھبەر كەچلىك زىياپەتكە بىر ئاپتوموبىلدا باردى.

جۈمە كۈنى، پۇتىن مۇستەملىكە دەۋرىدىكى پىرېزىدېنت سارىيى — «راشتراپاتى باۋان» نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى مەيدانغا كىرگەندە 21 پاي زەمبىرەك ئېتىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

رەسمىي سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كالىي ۋە ئاممىياك نىترات ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئۇرالچېم  «Uralchem» گۇرۇھى بىلەن رۇسىيەدە ئۇرېيە زاۋۇتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىشى كۈتۈلمەكتە.

رۇسىيە بانكالىرىدىن «گازپروم بانكاسى» (Gazprombank) ۋە « ئالفا بانكاسى» (Alfa Bank) مۇ موسكۋانىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھىندىستاندا تىجارەت باشلاش رۇخسىتى سورىدى.

پۇتىن ھىندىستانغا «ئۈزۈلدۈرمەي» يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى تەكلىپ قىلدى

پۇتىن جۈمە كۈنى يېڭى دېھلى موسكۋادىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئامېرىكانىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، موسكۋانىڭ ھىندىستاننى «ئۈزۈلدۈرمەي يېقىلغۇ» بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «رۇسىيە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىنىڭ ئىشەنچلىك تەمىنلىگۈچىسى. بىز تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ھىندىستان ئىقتىسادىنى يېقىلغۇنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارمىز» دېدى.

پەيشەنبە (2025-يىلى 4-دېكابىر) كەچتە قويۇلغان «India Today» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىدە، پۇتىن ئامېرىكانىڭ ھىندىستانغا قىلىۋاتقان رۇسىيە يېقىلغۇسىنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدىكى بېسىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا رۇسىيەدىن يادرو يېقىلغۇسى سېتىۋالسا بولىدۇ، ھىندىستان سېتىۋالسا نېمىشقا بولمايدۇ؟» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئەگەر ئامېرىكانىڭ بىزنىڭ يېقىلغۇمىزنى سېتىۋېلىش ھوقۇقى بولسا، نېمىشقا ھىندىستاننىڭمۇ ئوخشاش ئىمتىيازى بولمايدىكەن؟ بۇ سوئال ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، بىز بۇنى مۇزاكىرە قىلىشقا، جۈملىدىن پىرېزىدېنت ترامپ بىلەنمۇ سۆزلىشىشكە تەييارمىز.»

ئۇ يەنە، بۇ يىل (2025) نىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا ھىندىستان-رۇسىيە سودىسىدا ئازراق تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ، ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ «راۋان داۋاملىشىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ھىندىستان ترامپنىڭ تاموژنا بېجىنى ئورۇنسىز ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان دەپ ئاتىغان ھەمدە ئامېرىكانىڭ موسكۋا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سودىسىغا ئىما قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازدىن تارتىپ قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانغىچە بولغان مىلياردلارچە دوللارلىق ئېنېرگىيە ۋە باشقا تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مودى بىلەن پۇتىننىڭ ئەمگەك كۈچى ۋە خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تېمىلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە زور كۆلەمدىكى سودا ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگھ بىلەن سۆھبەتلەشكەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوسوۋمۇ بار.

سۆھبەتتىن كېيىن، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېلوسوۋنىڭ «رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىدە  ئۆزىگە تايىنىشىنى قوللاشقا تەييار» دەپ ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.