تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە ئۇكرائىنا، غەززە ۋە سۇداندىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قايتا باشلايدۇ»
ئەردوغان، ئئەنقەرەنىڭ «تىنچلىق ئۈچۈن ھەر يەرگە يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى ۋە رۇسىيە بىلەن ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختالدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە ئۇكرائىنا، غەززە ۋە سۇداندىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قايتا باشلايدۇ»
ئەردوغان: «تۈركىيە ئۇكرائىنا، غەززە ۋە سۇداندىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قايتا باشلايدۇ» / AA

گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ «تىنچلىق ئۈچۈن ھەر يەرگە يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى ۋە رۇسىيە بىلەن ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقا ۋە ئۇكرائىناغىچە سوزۇلغان توقۇنۇش رايونلىرىدا خەلقئارالىق تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قاتنىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەنقەرەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش تەشەببۇسلىرىدىكى يېتەكچى رولىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارغا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تىنچلىققا تۇتىشىدىغان يولنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «بۇ جەرياننى باشلىيالىساق، بۇنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «نۇرغۇن ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئۆلۈملەرنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى تاشلىيالايدىغانلىقىمىزنى (پۇتىن بىلەن) مۇزاكىرىلىشىمەن. بۇ سۆھبەتلەردىن كېيىن بۇنىڭ نەتىجىسىنى ياۋروپالىق شېرىكلىرىمىز، ترامپ ۋە باشقا دوستلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈش پۇرسىتىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump signals room for negotiation on Ukraine peace plan ahead of Geneva talks

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

ئەردوغان، غەززەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىلانلانغان خەلقئارا مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىغا تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى تۇرغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ تېخىچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «بۇ مۇزاكىرىدىن كېيىن ئۆز قارارىمىزنى بېرىمىز» دېدى.

تۈركىيە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە مىسىردا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ تەرەپلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. ئەنقەرە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، پىلانلانغان مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىغا قاتنىشىش ئارزۇسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.

ئەردوغان، غەززەدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرالارنى ئاساس قىلغان، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت دەپ قوبۇل قىلىدىغان مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى بولماي تۇرۇپ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى كۈچلۈك ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، «غەززەدىكى مەزلۇم خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھەر قانداق سورۇندا جاسارەت بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى» سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.

سۇدان توقۇنۇشى

سۇداندىكى ئۇرۇش ئۈستىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «سۇدانلىق قېرىنداشلار»نىڭ دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشىنى خالىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇداندا ئۇرۇش 2023-يىلى سۇدان قوراللىق قىسىملىرى بىلەن تېز ياردەم كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا پارتلىدى. تېز ياردەم كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەل فاشىرنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈملەر يۈز بەردى.

تۈركىيە سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلاش بىلەن بىرگە، توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن چاقىرىقلاردا بولماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - G20 leaders pledge to push for ‘just, comprehensive peace’ in Sudan, DRC, Palestine, and Ukraine

 

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز