پىكىر-مۇلاھىزىلەر
سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بىلەن پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان سۆھبەتلەر ئۈچۈن 18-فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر يەرگە جەم بولۇشنى پىلانلىغان.
00:00
ترامپ بىلەن پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى
ترامب ۋە پۇتىن / AP

سۆھبەتلەرگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىنىڭ «ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى» ئېيتتى. ترامپقا كۆرە، رۇسىيە رەھبىرى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدىكەن.

 ترامپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى

 دايتونا 500 مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ھارپىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ترامپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغۇسى سۆھبەتلەر ھەققىدىكى بىر سوئالغا «بۇ ناھايىتى پات يېقىندا ئەمەلگەن ئېشىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ ھەم ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ھەم ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە پۇتىن ئۇرۇشنى توختىتىشنى خالايدۇ، بۇنى كۆرەلەيمەن، بىز بۇ مەسىلىنى ئۇزۇن ۋاقىت مۇزاكىرە قىلدۇق.»

 ترامپ يەنە، تەرەپلەرنىڭ كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزەمدۇ؟

رۇسىيەنىڭ «‹كوممېرسانت› گېزىتى»،  18-فېۋرال كۈنى رىيادتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى يازدى. ئامېرىكانىڭ «‹پولىتىكو› گېزىتى»، بولسا، ترامپ ھۆكۈمىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇ سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەش مەقسىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ئۇكرائىنا: كونكرېت  بىر پىلان بولمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس

 بۇ سۆھبەتلەر ئۇكرائىنا ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ئۆزگىرىش دەپ قارالدى. «‹پولىتىكو› گېزىتى»، نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-فېۋرال كۈنى ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغان. ئەمما ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كونكرېت بىر پىلان تۈزۈلمىگۈچە رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغان.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى BBC نىڭ رۇسچە بۆلۈمى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، كىيېۋنىڭ بۇ سۆھبەتلەرگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇكرائىنانىڭ بۇ سۆھبەتلەرگە ھېچقانداق بىر ھەيئەت ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى