تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيەنى كۈچەيتىش ئاتاتۈركنىڭ مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلغانلىق دېمەكتۇر»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئاتاتۈركنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۆيىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيەنى كۈچەيتىش ئاتاتۈركنىڭ مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلغانلىق دېمەكتۇر»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيەنى كۈچەيتىش ئاتاتۈركنىڭ مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلغانلىق دېمەكتۇر» / AA

دۈشەنبە كۈنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىنىڭ 87 - يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئەردوغان، ئاتاتۈركنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەپ، ئىستىقلال ئۇرۇشىنى باشقۇرغان ۋە زامانىۋى تۈرك دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى سالغان تۇنجى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە، مالازگىرت مەيدان ئۇرۇشى ۋە ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىدىن چاناققەلئە ئۇرۇشىغىچە، شۇنداقلا 15-ئىيۇلدىكى مەغلۇب بولغان ھەربىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستىگىچە بولغان مىللەتنىڭ شەھىدلىرىنى ئەسلەپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ 102 يىللىق تارىخىدا تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ھەر بىر كىشىگە رەھمەت ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئاتاتۈركنىڭ مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «مېنىڭ ناچار جىسمىم ئەلۋەتتە بىر كۈن توپىغا ئايلىنىدۇ؛ ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىپادە قۇرغۇچىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈچىيىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان بىر مىللەت تەسەۋۋۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دېدى.

ئەردوغان، ئاتاتۈركنىڭ مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۈچەيتىش، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەر ساھەدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەم تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye reopens restored Ataturk House in Thessaloniki, honouring founder’s legacy

ئەردوغان يەنە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن تۈرك ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TİKA) نىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا سالانىكتىكى ئاتاتۈركنىڭ تۇغۇلغان ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلغان 11 ئايلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تارىخىي ئۆينىڭ 1953-يىلدىكى كۆرۈنۈشىگە قايتۇرۇلۇپ، زىيارەتچىلەرگە قايتا ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇ تۈرنىڭ ئاتاتۈركنىڭ مىراسلىرىنى قوغداشقا قارىتىلغان داۋاملىق تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە 1923-يىلى زامانىۋى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئاتاتۈرك، 1938-يىلى 10-نويابىر ئىستانبۇلدىكى دولماباغچە سارىيىدا 57 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.

ھەر يىلى دۆلەت، ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى، يەنى ئەتىگەن سائەت 09:05 دە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ