خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، «پۈتۈن ئۇكرائىنا» نىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى / Reuters

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا نۇرغۇن پۇقرا يارىلانغان. كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكونىڭ بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 كىشى يارىلانغان.

شەھەر باشلىقى كلىچكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«پايتەختتە تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 كىشى يارىلاندى. بۇلاردىن بەش كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلىرىغا نەق مەيداندا داۋالاش خىزمىتى سۇنۇلدى.»

رۇسىيە كېچە بويى ئۇكرائىنانىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى. بۇ شەھەرلەردىن شەرققە جايلاشقان خاركىۋدىكى ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تېخىچە دەلىللەنمىدى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«دۈشمەننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن كىيېۋغا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا! پۈتۈن ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا كۇبا ئارمىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تورىغا قاراتقان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز