تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىشىنى لازىم، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يېتەرسىز...
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى، بىراق قورشاۋ ئاستىدىكى بۇ رايونغا كىرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ «يېتەرسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە: غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىشىنى لازىم، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يېتەرسىز...
Turkish FM Hakan Fidan and Finnish FM Elina Valtonen hold a joint press conference after their meeting in Helsinki, Finland. / AA

چارشەنبە كۈنى خېلسىنكىدا فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىنا ۋالتونېن بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا تەخمىنەن 250 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي داۋاملىشىشىنى، كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈشىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ نۇقتىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسىدا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ: «تىنچلىق پىلانىنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى جىددىي سۆھبەتلەر ۋە مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ رايونغا كىرىشى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ھەر خىل شىكايەتلەر مەۋجۇت. ياردەملەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

فىنلاندىيەنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى رەسمىي قوللىشىنىغا يۇقىرى باھا بەرگەن مىنىستىر فىدان، تۈركىيەنىڭ خېلسىنكىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى قەدىرلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىلىسىلەركى، ھازىر 150 دىن ئارتۇق دۆلەت پەلەستىننى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، فىنلاندىيەنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبلىرى، ئىچكى سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت

فىدان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە مېخانىزمىغا كىرىش نىشانىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ھالقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان 150 مىليارد ياۋرولۇق ياۋروپا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت (SAFE) مېخانىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالايدۇ.

فىدان خېلسىنكىدا فىنلاندىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تەكرارلاپ: «تۈركىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ھالقىلىق تۆھپە قوشۇۋاتقان بىر ناتو ئىتتىپاقدىشىدۇر. بۇ رامكا ئىچىدە، تۈركىيەنىڭ SAFE (ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى) مېخانىزمىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تەشەببۇسلىرىغا كىرگۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

گەرچە تۈركىيە تېخنىكىلىق جەھەتتىن SAFE تەشەببۇسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تەستىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، گىرېتسىيە بولسا بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالماقتا.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىنا ۋالتونېن تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە مېخانىزمىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەلۋەتتە، تۈركىيەنىڭمۇ بىر ھەمكارلاشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن باراۋەر ئاساس ۋە شەرتلەر ئاستىدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بار، بىز ھازىر بۇنىڭغا ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئېھتىياجلىق» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى