سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ترامپ پۇتىننىڭ «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ترامپ بىلەن پۇتىن خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە كۆرۈشتى. / TRT Global
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىپادىلەپ: «پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاسىيا زىيارىتىدىن كېيىنكى تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ خىتايدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئۈستىدە توختىلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پۇتىن بىلەن ئىنتايىن ئىجابىي مۇساپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشتۈم. پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

پۇتىن بىلەن زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئۆچمەنلىك بار

پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا «ناھايىتى كۈچلۈك ئۆچمەنلىك» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئېھتىمال بولغان تىنچلىق كېلىشىمى مۇساپىسىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«پۇتىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى قىيىن ئىش. زېلېنسكىي بىلەن پۇتىندەك بىر-بىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان ئىككى كىشى بار، بۇ كىشىلەر ئۇرۇشنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمما ئىككىلىسى بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ» دېدى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پۇتىندىن ‹مەن پىرېزىدېنت بولغان بولسام ئۇرۇشقا كىرەمتىڭىز؟› دەپ سورىدىم. ئۇ ‹ياق، بۇ ئۇرۇش ھەرگىز يۈز بەرمەيتتى› دەپ جاۋاب بەردى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى «سەمىمىي بولۇش» شەرتىگە باغلىدى
مىكروسوفت يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئەپۇ سورىدى
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 200 مىليون ياۋرو قىشلىق ياردەم بېرىدۇ
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە  يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى