تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەتتە تۈركىيە - ئالجىرىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى بىلەن رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى سودا، ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق پۈتۈن ساھەلەردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن رايوندا ۋە دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ تەمىنلىنىشى ئۈچۈن غەيرەتلىرىنى ئاشۇرۇشنىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى تېببۇننىڭ ۋە قېرىنداش ئالجىرىيە خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.




















