ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى: خىتاي ئىراننى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا
س ن ن نىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە ئىستىخبارات ئانالىزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە، بېيجىڭنىڭ مۈرىگە قويۇپ ئاتىدىغان راكېتامىيوت سىستېمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ ئارلىڭتون شەھىرىدىكى پېنتاگون بىناسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
س ن ن (CNN) نىڭ جۈمە (2026-يىلى 10-ئاپرېل) كۈنى كەچتە يېقىنقى ئىستىخبارات ئانالىزلىرىدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىرانغا يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بېيجىڭنىڭ قورال-ياراغلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، توشۇش لىنىيەسىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاقساراي ۋە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دەرھال جاۋاب بەرمىگەن.
س ن ن نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ «مانپادس» (MANPADS) دەپ ئاتىلىدىغان، مۈرىدە ئېتىلىدىغان ئايروپىلانغا قارشى راكېتامىيوت بومبا سىستېمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىلەن ئىران شەنبە (11-ئاپرېل) كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئالتە ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.