ترامپ «گېنېسىس ۋەزىپىسى» ناملىق سۈنئىي ئەقىل تەشەببۇسىغا دائىر پىرېزىدېنتلىق پەرمانىنى ئىمزالىدى
ئاق ساراي ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۇل قۇرۇلمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىلمىي بۆسۈشلەرنى تېزلىتىشنى نىشان قىلغان يېڭى بىر تۈرنى ئېلان قىلدى.
ترامپ «گېنېسىس ۋەزىپىسى» ناملىق سۈنئىي ئەقىل تەشەببۇسىغا دائىر پىرېزىدېنتلىق پەرمانىنى ئىمزالىدى
ترامپ «گېنېسىس ۋەزىپىسى» ناملىق سۈنئىي ئەقىل تەشەببۇسىغا دائىر پىرېزىدېنتلىق پەرمانىنى ئىمزالىدى / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغىنىدەك، سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ئىلمىي بايقاشلارنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان «گېنېسىس ۋەزىپىسى» (Genesis Mission) ناملىق بىر تۈرنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىرېزىدېنتلىق پەرمانىنى ئىمزالىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان پەرماندا، سۈنئىي ئەقىل دۇنياۋى تېخنىكا رىقابىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ساھەسى دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ رىقابەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

پەرمان تېكىستىدە: «جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلمىي بايقاش ۋە تېخنىكىلىق يېڭىلىقلار ئامېرىكا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە  ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، دۆلەت دۇچ كەلگەن خىرىسلارنىڭ «تارىخىي خاراكتېرلىك مىللىي سەپەرۋەرلىك»نى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

پەرمانغا ئاساسەن، «گېنېسىس ۋەزىپىسى» — سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلىتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە بايقاشلارنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشقا بېغىشلانغان، بىر گەۋدىلەشكەن مىللىي ھەرىكەت سۈپىتىدە باشلانغان.

پەرماندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۈرگە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى يېتەكچىلىك قىلىدىكەن ھەمدە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرلىرى، بىخەتەر بۇلۇت مۇھىتلىرى، سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرى، مۆلچەرلەش مودېللىرى ۋە فېدېرال سەۋىيەدە توپلانغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلمىي سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىر گەۋدىلەشكەن «ئامېرىكا ئىلىم-پەن ۋە بىخەتەرلىك سۇپىسى»نى بەرپا قىلىدىكەن.

پەرماندا يەنە، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا سانائەت ساھەسى بىلەن بولىدىغان يوشۇرۇن ھەمكارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، پايدىلانغىلى بولىدىغان بارلىق فېدېرال ھېسابلاش ۋە ساقلاش مەنبەلىرىنى 90 كۈن ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىش ۋەزىپىسى يۈكلەندى. مىنىستىرلىقنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات توپلاملىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل مودېل بايلىقلىرىنى بېكىتىپ چىقىشى ئۈچۈن 120 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ 270 كۈن ئىچىدە مەزكۇر سۇپىنىڭ دەسلەپكى مەشغۇلات ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز