تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (TBMM) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش 28- ۋە 29-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ناتو پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى»غا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئوتاغتەپە باغچىسى بىلەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى ھاۋادىن سۈرەتكە ئېلىندى [ئارخىپ]

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، 7- ۋە 8-ئىيۇل كۈنلىرى ئەنقەرەدە چاقىرىلىدىغان «ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى»دىن بۇرۇن، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى شۇنداقلا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى بۇ باشلىقلار يىغىنىغا 32 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرىدىن سىرت، ناتو پارلامېنت ئەزالىرى ئاسامبلېيەسى (NATO PA) رەئىسى ماركوس پېرېسترېللو، ناتو پارلامېنت ئەزالىرى ئاسامبلېيەسى رىياسەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرى شۇنداقلا باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

ناتو پارلامېنت ئەزالىرى ئاسامبلېيەسى تەرىپىدىن 2024-يىلىدىن باشلاپ ساھىبخان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ قېتىمقى يىغىن، ناتو رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن پارلامېنت سەۋىيەسىدە مەسلىھەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ، ئۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پارلامېنتلار ئارا ماسلىشىش ۋە دىيالوگنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىستانبۇلدىكى بۇ قېتىملىق ناتو پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئامېرىكا ۋە بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە

ناتو پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى 29-ئىيۇن (دۈشەنبە) «دولماباغچە سارىيى»دا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەزكۇر باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلىدىغان رەسمىي چۈشلۈك زىياپەتتە قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىشى كۈتۈلمەكتە.

باشلىقلار يىغىنى كۈنتەرتىپى رامكىسىدا، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن «بايقار مىللىي تېخنىكا مەركىزى»گە نەق مەيدان زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. زىيارەت جەريانىدا مېھمانلارغا شىركەتنىڭ پائالىيەتلىرى، مۇداپىئە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرگەن خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىشى پىلانلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى