بېيجىڭ: ترامپ خىتاينى باھانە قىلىۋاتىدۇ
بېيجىڭ ترامپنىڭ ئاركتىكادىكى «خۇدبىنلىق» پىلانى ئۈچۈن خىتاينى باھانە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بېيجىڭنىڭ بۇ ئىنكاسى ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشنىڭ «رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاركتىكا رايونىنى كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ئامېرىكا نۇقتىسىدىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدىن كېيىن كەلدى.
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئاركتىكا رايونىدىكى «خۇدبىنلىق» مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيەنى «باھانە» قىلىپ كۆرسەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئىنكاس قايتۇردى. بېيجىڭنىڭ بۇ باياناتىدا گىرېنلاندىيەنى كۆزدە تۇتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئاركتىكا رايونى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، خىتاينىڭ ئاركتىكا رايونىدىكى پائالىيەتلىرى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا، سىجىل تەرەققىياتقا ۋە خەلقئارا قانۇنغا تۆھپە قوشماقتا. ئامېرىكانىڭ خىتاي ياكى رۇسىيەنى باھانە قىلىپ خۇدبىنلىق بىلەن مەنپەئەت قوغلىشىشىنى قوللىمايمىز. رايوندا پائالىيەت قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولغان بارلىق دۆلەتلەرگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.»
بېيجىڭنىڭ باياناتى، ترامپنىڭ يەكشەنبە كۈنى گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دانىيەگە قاراشلىق ئىستراتېگىيەلىك ئاركتىكا رايونىنىڭ رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن كەلدى.
ترامپ فلورىدادىن ۋاشىنگتونغا كېتىۋېتىپ مۇخبىرلارغا: «ئەگەر گىرېنلاندىيەنى ئالمىساق، رۇسىيە ياكى خىتاي گىرېنلاندىيەنى ئالىدۇ، مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن... ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز گىرېنلاندىيەنى ئالىمىز» دەپ بايانات بەرگەن ئىدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ترامپنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا ماۋنىڭ: «دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا بولۇشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.