خاقان فىدان غەززە ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، «تۈركىيە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار» دېدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەسكەر ئەۋەتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردە كېرەكلىك ۋەزىپىنى زور مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئورۇندايدۇ. بۇ بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ مەسىلىدە بەرگەن ئەڭ ئېنىق ئۇچۇرىمىز» دېدى.
غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىش
خاقان فىدان غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ مەيدانىغ ئۈستىدە توختىلىپ، «باش قوماندانىمىز جۇمھۇر رەئىسىمىز، ئارمىيەلەرگە ئاخىرقى ھەرىكەت بۇيرۇقىنى بېرىدىغان ئورگان. بۇ يەردە شەكىللەنگەن ئىرادە شۇكى، كېرەكلىك شەرتلەر ھازىرلانغان ئەھۋالدا، تۈركىيە غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ۋە ئەسكەر ئەۋەتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردە تېگىشلىك ۋەزىپىنى زور مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئورۇندايدۇ. بۇ بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ مەسىلىدە بەرگەن ئەڭ ئېنىق ئۇچۇرىمىز. بۇنى شېرىكلىرىمىزگىمۇ ئېيتىۋاتىمىز، دوستلىرىمىزغىمۇ ئېيتىۋاتىمىز، مۇناسىۋەتلىك ئاكتىيورلارغىمۇ ئېيتىۋاتىمىز»
«لېكىن ھازىر بۇ يەردە مۇنداق بىر جەريان داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇنى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىمىز يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. ھازىر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان، سۆزلىنىۋاتقان بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسى بار. بۇ لايىھە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. سىز تىلغا ئالغان مۇقىملىق قوشۇنى، ئەسلىدە ترامپ تىنچلىق پىلانىدا ئورۇن ئالغان ئىككى ئورگاننىڭ بىرى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قايسى ئېنىق ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە خىزمەت تەرتىپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئالاقىدار بىر خەلقئارالىق قانۇن تېكىستىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر قارار لايىھەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا»
غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش جەريانى
خاقان فىدان غەززەدە تىنچلىق كومىتېتى ۋە خەلقئارالىق مۇقىملىق قوشۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە تۈركىيە بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى، لايىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«مۇقىملىق قوشۇنىغا ئالاقىدار دەسلەپكى خىزمەتلەر باشلانغان ئەھۋالدا، ئامېرىكانىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرغان بىر پۇقرالار-ھەربىي ھەمكارلىق مەركىزى بار» دېگەن فىدان، ئامېرىكانىڭ ترامپ ئارقىلىق تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن جەرياننىڭ ئالدىدا تۇرغان توسالغۇلارنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە بىر مېخانىزم تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىگە چىقىش جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خاقان تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە ماسلىشىشنى تەمىنلەيدىغان مېخانىزملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە ھەربىي ئورگانلار ئارىسىدا يېقىن دىئالوگنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
غەززەدە كاپالەتچىلىك
فىدان شارم ئەششەيختە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە رول ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ، «مىسىر، قاتار ۋە تۈركىيە. ھەممەيلەن ئۆزىگە چۈشكەن رولنى ئويناپ بۇ ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇمكىن قىلدى. ھازىر بۇ تۆت دۆلەت ئىمزا قويغان ئۇ يەردىكى دېكلارسىيەدە ئەمەلىيەتتە بىر كاپالەتچىلىكتىن زىيادە، يەنى بىز بۇنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرى سۈپىتىدە بۇ خىلدىكى بىر نىيەتنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىز قوللىغان، قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم. كلاسسىك مەنىدىكى بىر كاپالەتچىلىك ئەمەس» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
خاقان فىدان غەززەگە قارىتىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈچۈن بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كوردىناتورى تەيىنلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، بۇ مەسىلىدە جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«تۈركىيەنىڭ ئۈزۈلمەس ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بار» دېگەن فىدان، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان مىقداردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە كىرەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
خاقان فىدان غەززەنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇلۇشىنى تەمىنلەيدىغان سىياسەتتىن خالىي بىر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھاماسنىڭ غەززەنىڭ باشقۇرۇشىنى مەزكۇر پەلەستىنلىك كومىتېتقا تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خاقان فىدان غەربتە ھاماسنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى كۆپ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى ۋە سۆزلىشىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:
«بىز كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جىنايەتچىگە ئەمەس، جىنايەتكە قارايمىز. يەنى زۇلۇمنى كىم قىلسۇن، بىز ئۇنى ئەيىبلەيمىز. ئىش پەلەستىننىڭ مۇداپىئەسىگە كەلگەندە، قارشىلىققا كەلگەندە، ئىشغال داۋاملاشقانسېرى، زۇلۇم داۋاملاشقانسېرى، بۇنىڭغا قارشى بىر قوراللىق قارشىلىق بولىدۇ. بۇ ھاماس بولمىسا باشقىسى، باشقىسى بولمىسا يەنە باشقىسى. بۇ ئىشغالغا قارشى تۇرۇشنىڭ تەبىئىتىدە بار نەرسە. ھەر بىر پەلەستىنلىك ئۆزىگە چۈشكەن ئىشنى قىلىدۇ. بۇنى غەربلىكلەرمۇ بىلىدۇ، ھەممەيلەن بىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە ئېيتىۋاتقانلىرىمىز شۇكى، ئىشنى ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشىدىن باشلاش ئەمەس، بەلكى ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان، زۇلۇمنى يېنىكلىتىدىغان ۋە يوقىتىدىغان بىر مېخانىزمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. بۇ لوگىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك»
«ھاماسنىڭ گويا دائېشقا ئوخشاش بىر تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ سۈپەتلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر رېئاكسىيە بار. بۇ رېئاكسىيەنى سىياسەتكە ئايلاندۇرۇش ھەرىكەتلىرى بار. بىزنىڭمۇ ئەلۋەتتە بۇ نۇتۇقنى قۇرۇلمىلىق ئانالىز قىلىشىمىز كېرەك. يەنى نۇتۇقنى ئانالىز قىلىپ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە دىپلوماتىيەدە ئەڭ كۆپ قىلىشقا تىرىشىدىغىنىمىزمۇ شۇ. شەكىللەنگەن خاتا تونۇشلارنى ئالدى بىلەن ئانالىز قىلىپ، بۇزۇپ، ئاندىن يېڭىسىنى ئورنىتىش مەسىلىسى. بۇ يەردە مەن، يەنى بۇ مېخانىزملار چۈشەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا بۇنىڭغا ‹ياق، بۇ ئۇنداق ئەمەس› دېگەن ئادەمنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىنى يوقىتىدىغان، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى مۇمكىن قىلىدىغان بىر يول خەرىتىسىنىڭمۇ پەلەستىنلىكلەرگە بېرىلىشى كېرەك. يەنى بۇ كىشىلەر قورالنى ياخشى كۆرگەچكە قولىغا قورال ئالغان كىشىلەر ئەمەس. خاتالىقنى كىم قىلسا، پۇقرالارنى كىم ئۆلتۈرسە بىز جىنايەتچىگە قارىمايمىز، جىنايەتكە قارايمىز. غەربلىكلەرگە ئوخشىمايمىز. غەربلىكلەر بۇ مەسىلىدە تاللىغۇچىلار. ئۇلار جىنايەتكە قارىمايدۇ، جىنايەتچىگە قارايدۇ.»