سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى قايتىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى
خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغىنى توختاتقاندىن كېيىن، ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا قايتىدىن تولۇق ياردەم بېرىشكە باشلىدى.
00:00
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى قايتىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى
ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرى / Reuters
2025-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى دۈشەنبە كۈنى AFP غا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاشقى ياردەم مەبلىغىنى توڭلىتىشى سەۋەبىدىن ياردەم توختىتىلىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى قايتىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان روھىڭيا ئېتنىك گۇرۇپپىسى بىرمادا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا، ھەر يىلى مىڭلىغان كىشى مالايشىيا ياكى ھىندونېزىيەگە كېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانماقتا.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ  28 - فېۋرال كۈنى يېزىلغان ۋە AFP تەرىپىدىن كۆرۈلگەن خېتىدە، سۇماترا رايونىنىڭ غەربىدىكى پېكانبارۇ شەھىرىدىكى تەخمىنەن مىڭ روھىڭيالىق مۇساپىرغا بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ  ھىندونېزىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى جېففىرى لابوۋىتز AFP  غا بەرگەن باياناتىدا، روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا بېرىلىۋاتقان مەبلەغنى توختىتىش قارارىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب بايان قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پىروگراممىمىز قايتا باشلاندى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىدە ھازىرچە مەبلەغنى قىسىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى كېسىپ ئېيتالايمەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئېلخېتىدىكى بايانىدا مۇنداق دېيىلگەن:

 «ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر، دەرۋەقە بۇ مۇساپىرلارغا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز.»

ئامېرىكانىڭ روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا بېرىلىۋاتقان مەبلەغنى توختىتىشى

خىزمەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە

2 مىڭدىن ئارتۇق روھىڭيا مۇساپىرلىرى ھىندونېزىيەدە قانۇنىي جەھەتتىن ئېنىقسىزلىق ئىچىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىلىك ھاياتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Hunger, insecurity may hit Rohingya amid dramatic aid cut: UN refugee chief

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى: «ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىشى خادىملىرىمىزغا، خىزمەتلىرىمىزگە ۋە بىز ياردەم بېرىۋاتقان كىشىلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.»

بىر مەنبەنىڭ AFP  غا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە،   ئامېرىكا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاز سانلىق روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەبلەغنى توختاتقان.

ئامېرىكانىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى بولسا بۇنىڭغا دەرھال ئىزاھات بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.

ھىندونېزىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىغان بولۇپ، بىرمادىن مۇساپىر قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە، بۇنىڭ ئورنىغا قوشنا دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەنى بىرلىكتە زىممىلىرىگە يۈكلەشكە ۋە دېڭىز ساھىللىرىغا يېتىپ كەلگەن روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرماقتا.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى 5200 پىروگراممىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشقۇرىدىغان 1000 پىروگراممىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ چەت ئەللەردە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - UN pleads for urgent funding to prevent ration cuts for Rohingya refugees in Bangladesh

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى