سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان تۆت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. كابۇل بولسا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پاكىستان ئىچىدىكى گۇمانلىق دائېش لاگېرلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى

پاكىستان ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن تۆت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. كابۇل بولسا پاكىستان ئىچىدە بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دائېش لاگېرلىرىنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك» زەربە بېرىش نىشانى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاخىرقى ئۆزگىرىشلەر ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. ئالدىنقى ھەپتە پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدىكى بىر خەۋپسىزلىك ئەسلىھەسىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىنغان بولۇپ، كېيىنچە ئىسلامئاباد ئافغانىستان ئىچىدىكى پاناھ جايلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پاكىستان ئارمىيەسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا مۇداپىئە تورىنىڭ سەيشەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە، ئافغانىستاننىڭ «كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوغداش ۋە قوللاش مەقسىتىدە» ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن دۈشمەن ھاۋا ۋاسىتىلىرىنى «دەرھال» بايقاپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا: «ئەگەر ئافغانىستان تالىبانلىرى پاكىستاننى داۋاملىق قۇتراتسا، ئۇلارغا ئېغىر بەدەل تۆلىتىدىغان مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ» دېيىلدى.

مۇۋەققەت تالىبان ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سادىقۇللاھ نۇسرەت، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بېلۇچىستان ۋە دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دائېش لاگېرلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە تېررورلۇق گۇرۇھىنى «ئېغىر تالاپەتكە ۋە ماددىي زىيانغا» ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۇسرەت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ «يۇقىرى ئېنىقلىقتا» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يېقىنقى يىللاردا پاكىستاندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېگرا توقۇنۇشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىسلامئاباد كابۇلنى تېررورچىلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئافغانىستان بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى