خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى، سومالىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى تەكىتلەندى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
موقادیشودىكى نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئايرىلىپ چىققان سومالى زېمىنىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا. / AP

22 ئىسلام دۆلىتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ئى ھ ت) پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سومالىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆزىنى «سومالىلاند جۇمھۇرىيىتى» دەپ جاكارلىغان رايونغا قاراتقان زىيارىتىنى «قانۇنسىز» دەپ ئاتىدى ھەمدە بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار بۇنىڭ سومالىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باياناتقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا: «2026-يىلى 6-يانۋاردا ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ سومالى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ‹سومالىلاند› رايونىغا قىلغان يېقىنقى قانۇنسىز زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېئون سائارنىڭ زىيارىتى سومالى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۇز دەپ سۈپەتلىنىپ، بۇنىڭ خەلقئارالىق نورمىلارغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سومالىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى «تەۋرەنمەس ھالدا قوللايدىغانلىقى»نى قايتا تەكىتلىگەن ئىمزا قويغۇچى تەرەپلەر، بۆلگۈنچىلىك غەرەزلىرىگە ئىلھام بېرىشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئەسلىدىنلا نازۇك بولغان رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا يەنە: «خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ۋە دىپلوماتىك نورمىلارغا ئەمەل قىلىشنىڭ رايون ۋە خەلقئارا مۇقىملىق ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكى» ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، موقدىشۇنىڭ «تىنچ خەلقئارالىق ئالاقە، ئىجابىي دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ۋەدىسى»گە يۇقىرى باھا بېرىلدى ھەمدە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ سومالىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىنى خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە قوغداش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ۋە قانۇنىي قەدەملىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە 26-دېكابىردا سومالىلاندنى مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، دۇنيادا بۇ قەدەمنى تاشلىغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قالدى. بۇ ھەرىكەت نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز ھەمدە خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت دەپ قارىلىپ، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەدىن مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى تەلەپ قىلىنغان باياناتىدا، تېل ئاۋىۋنىڭ «سومالىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، مىللىي بىرلىكىگە ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى» كېرەكلىكى بىلدۈرۈلۈپ، سومالىلاندنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى دەرھال بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.

1991-يىلى سومالىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن بېرى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنمىغان سومالىلاند، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بىر مەمۇرىي، سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك بىرلىكى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.

بىرلەشمە باياناتقا ئالجىرىيە، باڭلادىش، كومورو ئاراللىرى، جىبۇتى، مىسىر، گامبىيە، ھىندونېزىيە، ئىران، ئىيوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋىيە، مالدىۋ، نىگېرىيە، ئومان، پاكىستان، پەلەستىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سومالى، سۇدان، تۈركىيە ۋە يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ئى ھ ت) ئىمزا قويدى.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»