سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مارك كارنېي تۈركىيەنىڭ كانادا ئۈچۈن «ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە سانائەت ھەمكارلىقىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش پۇرسەتلىرىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.
مارك كارنېي تۈركىيەنىڭ كانادا ئۈچۈن «ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
كانادانىڭ باش مىنىستىرى كارنىي ۋودبرىجدىكى ماشىنا زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى مارتىنرىئا سانائەتنى كۆزدىن كەچۈردى. / Reuters

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېي تۈركىيەنى ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ئىچىدىكى «ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتتىپاقداش» دەپ تەرىپلىدى. ئۇ بولۇپمۇ سودا، سانائەت ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن زور يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

پەيشەنبە كۈنى ۋاۋغاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كارنېي تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئورنى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ مەسىلىدە بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. بىرىنچىسى، تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ دۇنيانىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مۈشكۈل بىر رايونىدا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا» دېدى.

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە توختالغان كارنېي، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بۇ ھەقتە دەسلەپكى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارنېي ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق ساھەلىرىگە قەدەر كېڭىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تۈركىيە ئىلغار ياسىمىچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارى خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشتا باشلامچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇڭا بىز چوقۇم ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان ساھەلەر ناھايىتى كۆپ» دېدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە، كانادانىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ئۈچۈن تەييارلانغان «دۆلەتلىك ئاپتوموبىل پىلانى» ئېلان قىلىندى. بۇ پىلان نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، 2 مىليارد 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى سېتىۋېلىش ۋە ئىجارىگە ئېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر يېڭى ئىستراتېگىيە بويىچە، ھۆكۈمەت ئىلگىرىكى توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 2027-يىلىدىن 2032-يىلىغىچە بولغان مودېللار ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بولغان پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى يولغا قويدى. كارنېي بۇ ھەقتە: «بىز پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ئۆلچەملىرىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سانائەت ساھەسىگە بۇ نىشانغا يېتىشتە تېخىمۇ جانلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى