رۇبىيو: ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى چىداپ تۇرغۇسىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ «چىداپ تۇرغۇسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بەردى.

By
رۇبىيو ۋېنېزۇئېلانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى «چىداپ تۇرغۇسىز» دەپ ئاتىدى. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن چىداپ تۇرغۇسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغانلىقىنى ۋە مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىيلىقىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ۋېنېزۇئېلا ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن چىداپ تۇرغۇسىز ئىكەنلىكى ئېنىق.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار قوغداشقا ئۇرۇنۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان پائالىيەتلەرگە شېرىك سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن يارىتىلدى. بىزنىڭ نىشانىمىز بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش. پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قانۇنلۇق دەپ قارىمايمىز.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى رولى ھەققىدە سورالغاندا، ئامېرىكانىڭ موسكۋاغا چېتىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن بولغان ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ مادۇرو ھاكىمىيىتىنى قۇرۇق سۆزلەر بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بېشى ئۇكرائىنادا كۆيۈۋاتىدۇ» دېدى.

تولۇق قامال قىلىش

رۇبىيو بۇ باياناتلىرىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا كىرىدىغان ياكى ئۇ يەردىن چىقىدىغان بارلىق ئېمبارگو قويۇلغان نېفىت پاراخوتلىرىنى «پۈتۈنلەي ۋە تولۇق قامال قىلىش»  نى ئېلان قىلىپ، مادۇرو ھۆكۈمىتىنى «چەت ئەل تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغاندىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئېلان قىلغان بولدى.

ئامېرىكا ئۆتكەن تۆت ئاي ئىچىدە كارىب دېڭىزىدىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان پاراخوتلارغا 22- قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سېنتەبىر (2025) نىڭ بېشىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 87 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

10-دېكابىر ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋېنېزۇئېلا قىرغىقىدا ئېمبارگو قويۇلغان بىر نېفىت پاراخوتىنى تۇتۇۋالغان،  كاراكاس بۇ قىلمىشنى «خەلقئارالىق قاراقچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشتى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى تورىنى بىتچىت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، ۋېنېزۇئېلا ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتوننى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، مادۇرونى ھۆكۈمەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ دۆلەتنىڭ نېفىت بايلىقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.