گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
«تېكنوفېست كۆك ۋەتەن (دېڭىز)» 20–23-ئاۋغۇست كۈنلىرى كوجائەلىنىڭ گۆلجۈك رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. فېستىۋالدا دېڭىز ۋە سۇ ئاستى تېخنولوگىيەلىرى، ھەربىي پاراخوتلار ۋە تۈرلۈك مۇسابىقە-كۆرگەزمىلەر نامايان قىلىنىدۇ.
گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
تېكنوفېست «ماۋى ۋەتەن» تېخنىكا ۋە مۇداپىئە سانائىتىنى گۆلچۈكتە بىر يەرگە جەم قىلىدۇ

تېكنوفېستنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ دېڭىزدىكى كۈچى ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنى ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «تېكنوفېست كۆك ۋەتەن» 20–23-ئاۋغۇست كۈنلىرى كوجائەلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە تېخنولوگىيە ئەترىتى فوندى (T3 Vakfı) ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى بولغان فېستىۋال، گۆلجۈك پاراخوت ياساش زاۋۇتى قوماندانلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى دېڭىزچىلىق مەدەنىيىتىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

ئۇچقۇچىسىز دېڭىز ۋاسىتىلىرى ۋە سۇ ئاستى راكېتالىرى مۇسابىقىلىشىدۇ

دېڭىزچىلىق ۋە سۇ ئاستى تېخنولوگىيەلىرىگە مەركەزلەشكەن «تېكنوفېست – 2026» دائىرىسىدە، تېخنولوگىيەگە قىزىقىدىغان ياشلار ئىشلىگەن تۈرلەر مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

پائالىيەتتە ئۇچقۇچىسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى مۇسابىقىسى، سۇ ئاستى راكېتا مۇسابىقىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز دېڭىز ۋاسىتىلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم پاراخوتلىرى زىيارەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ

فېستىۋال مەزگىلىدە زىيارەتچىلەر تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قارمىقىدىكى چوڭ ھەربىي پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى يېقىندىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

زىيارەت پىلانى دائىرىسىدە TCG ساۋارونا، TCG  ئانادولۇ، TCG   18 - مارت سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە TCG مۇرات رەئىس سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق پاراخوتلارغا مەخسۇس زىيارەتلەر تەشكىللىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى كۆرگەزمىسى، SAT  ۋە SAS كوماندىر جەڭچىلىرى، دېڭىز ئاۋىياتسىيە قىسىملىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشلىرى شۇنداقلا مۇداپىئە سانائىتىگە دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەرمۇ فېستىۋال پىروگراممىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

قاتنىشىش ھەقسىز

«تېكنوفېست كۆك ۋەتەن» فېستىۋالىغا قاتنىشىش ھەقسىز، ئەمما زىيارەتچىلەر ئالدىن تور ئارقىلىق تىزىملىتىشى كېرەك.

تىزىملىتىش ئۈچۈن زىيارەتچىلەرنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «NSosyal» دا ھېسابى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

قاتناشقۇچىلار سانى چەكلىك بولغان پائالىيەتتە، 7 ياشتىن يۇقىرى ھەر بىر قاتناشقۇچى ئۈچۈن ئايرىم بېلەت ئېلىش شەرت. 7 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

پائالىيەت مەيدانىغا زىيارەتچىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشى سائەت 09:00 دىن 18:00 گىچە بولىدۇ. پائالىيەتكە تىزىملىتىش ۋە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن «TEKNOFEST» نىڭ رەسمىي تور بېتى (https://www.teknofest.org/tr/) نى زىيارەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار