سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كىرېمىل: ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئايلانمىسى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
كىرېمىل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئايلانمىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ياكى كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
00:00
كىرېمىل: ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئايلانمىسى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ / AP

كىرېمىل پەيشەنبە كۈنى نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ياكى كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ۋاشىنگتوننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كىيېۋ بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، «بۇ يەكشەنبە كۈنى بولماسلىقى مۇمكىن؛ تەپسىلاتلار  توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا، ھەپتىنىڭ دەل بېشىدا بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

باياناتچى يەنە، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئەنگلىيەدە چاقىرىلغان ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى «ھەربىيلەشتۈرۈش» پىلانى تۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ: «بىريۇسسېل ۋە ياۋروپا پايتەختلىرىدىن كەلگەن سىگناللارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپانى ھەربىيلەشتۈرۈش پىلانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

ئۇ «ياۋروپا ئۆزىنى ھەربىيلەشتۈرۈش يولىغا مېڭىپ، بىر خىل ئۇرۇش پارتىيەسىگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump and Putin set for 'very critical' call to discuss ceasefire in Ukraine

ت ر ت گۇلوبال - ترامپ بىلەن پۇتىن ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن «ناھايىتى مۇھىم» تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ

ت ر ت گۇلوبال - كىيېۋ بىلەن ياۋروپا پايتەختلىرى پۇتىننىڭ ۋاقىت قازىنىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىدىن گۇمانلانماقتا ۋە ترامپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئورنىتىشقا ئىنتىلىۋاتقان بىر رەھبەرگە بېسىم ئىشلىتىشنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىغا قىزىماقتا.

ياۋروپا ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ

يەنە بىر تەرەپتىن، خىزمەت مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئۇلاف شولز ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ، كىيېۋنىڭ كۈچلۈك ئورۇندا بولۇشى ۋە ھەرقانداق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ياۋروپانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق سۆھبەتتىن قەتئىينەزەر، ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغانلىقى؛ ئۆز يولىنى بەلگىلەپ ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا، ئەلۋەتتە، تىنچلىق مەزگىلىدە كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك.»

ئۇ «گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە ئۇل ئەسلىھە خىراجەتلىرىنى مالىيەلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قەرز پىلانى بۇنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ئۇكرائىنانى قوللاشنى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق نامايان قىلىش، بولۇپمۇ ئۇرۇشتا خارابىلىككە ئايلانغان بۇ دۆلەتنى كېرەكلىك بولغان ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەگەر رەھبەرلەرنىڭ باياناتلىرىغا قۇلاق سالساق، ئۇنداقتا قوللاش-قۇۋۋەتلەش ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇ ئەمەلىي ھەرىكەتلەردە، سانلاردا، ئۇكرائىناغا زۆرۈر بولغان ھەقىقىي ئوق-دورىلاردا كۆرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا مەن ھەقىقەتەن بۇنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىمىزدىن ئۈمىدۋارمەن» دېدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن كايا كاللاس رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بىر خەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا ئىككى مىليون چوڭ كالىبىرلىق ئارتىلېرىيە ئوقىنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.


مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Many nations ready to send peacekeepers to Ukraine: UK

ت ر ت گلوبال – ئەنگلىيە: نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا تىنچلىق ساقلىغۇچى ئەۋەتىشكە تەييار

ت ر ت گلوبال – ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان تىنچلىق ساقلاش پىلانىنى يولغا قويۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى